باش بەت

جاھانكەزدى

14479يوللانما
21مەستانە

‹‹ئاياللار غەمخورلۇقى، ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش›› پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-04-25 14:40 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ‹‹ئاياللار غەمخورلۇقى، ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش›› تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى


ئاينۇر ئابلىمىت خەۋەر قىلىدۇ: 19-ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى شىنجاڭ ئاياللار تۈرمىسى بىلەن بىرلىكتە ‹‹ئاياللار غەمخورلۇقى، ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش›› تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇ خەنمىن ئاياللار تۈرمىسىدىكى جازا ئۆتىگۈچىلەرگە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ ‹‹8-مارت›› ئاياللار بايرىمىغا ئاتاپ يازغان خېتىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەندى، جازا ئۆتىگۈچىلەرگە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تۈزگەن ئاياللار ساپاسى، پەرزەنت تەربىيەسى، ئانىلار ساغلاملىقى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان قوش تىللىق كىتابتىن 200 يۈرۈش سوۋغا قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، بىلىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللار تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئاياللارنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى توغرا تونۇپ، داۋاملىق تىرىشىپ ھۈنەر-تېخنىكا ئۆگىنىپ، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ئۆز قولى بىلەن يارىتىپ، ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ياخشى ئۆزگىرىپ، تېزرەك جەمئىيەتكە قايتىشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، شىنجاڭ ئاياللار تۈرمىسى بىلەن ‹‹تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى.


مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى




دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号