باش بەت

ئادىل

5039يوللانما
2مەستانە

92-نومۇرلۇق ۋە 93-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ قانداق پەرقى بار؟

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-04-27 13:45 0 ئىنكاس چۈشتى


نۆۋەتتە بازاردىكى بېنزىننىڭ 90، 92، 93، 95، 97 قاتارلىق نومۇرلۇقلىرى بار، كۆپلىگەن كىشلەر ئىشلىتىۋاتقىنى ھەممىسى 93-نومۇرلۇق بېنزىن، نۆۋەتتە بېيجىڭ، شاڭخەڭ، جىياڭسۇنىڭ قىسمەن شەھەرلىرىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. نۇرغۇنلىغان كىشلەر نومۇرى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئۆزىڭىزنىڭ ماشىنىسىغا ماس كەلسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ.

بۇ سانلار بېنزىننىڭ ئوكتان سانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنى بېنزىننىڭ پارتلاشقا قارشىلىق قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 92-نومۇر ۋە 93-نومۇرلۇق بېنزىن دەل ئوكتان قىممىتى 93 بولغان بېنزىن، «ئوتتۇراھال دەرىجىلىك» ماشىنىغا ماس كېلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك ماشىنىلارغا ئادەتتە نومۇرى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بېنزىن ماس كېلىدۇ.

ئەمەلىي ئىشلىتىشتە، 92-نومۇر ۋە 93-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ئانچە چوڭ پەرقى يوق.

92-نومۇرلۇق بېنزىن بېيجىڭ شەھىرىدە 2012-يىلى 5-ئايدا چىقىرىلغان يېڭى بەشىنچى باسقۇچلۇق ئۆلچەمدىكى بېنزىن، يەنى يەرلىك ئۆلچەم، ھەرگىزمۇ دۆلەت ئۆلچىمى ئەمەس، ئادەتتە بېيجىڭ رايونىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىدا بار. ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش بولسا گۈڭگۈرت مىقدارى كۆرسەتكۈچ چەكلىمە قىممىتى ھەر كىلوگرامى 50 مىللىگرامدىن ھەر كىلوگرامى 10 مىللىگىرامغا تۆۋەنلىگەن، مانگان مىقدارى كۆرسەتكۈچ چەكلىمە قىممىتى ھەر 0.006 گرامدىن 0.002 گرامغا تۆۋەنلىگەن. ئوخشاشلا بېنزىننىڭ ئوكتان قىممىتى ۋە پارتلاشقا قارشىلىق قىممىتى تۆۋەنلىگەن، پارتلاشقا قارشىلىق كۆرسەتكۈچى «84،87،90 دىن كىچىك بولماسلىق» قا ئۆزگەرتىلگەن. ئەمەلىي ئىشلىتىشتە 92-نومۇر بىلەن 93-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇ نېمە ئۈچۈن بەزى ماشىنىنىڭ پارامېتىر چۈشەندۈرىشىدىكى بېنزىن نومۇرىدا 92-نومۇر ۋە 93 نومۇر دەپ يېزىقلىق بولىشىنىڭ سەۋەبى، ئەلۋەتتە، ناۋادا ھەشەمەتلىك ماشىنا بولسا ياكى پۇل كۆپ بولسا ئەڭ ياخشىسى نومۇرى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بېنزىننىڭ تاللاش مۇۋاپىق.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号