باش بەت

ئەييۇب

777يوللانما
0مەستانە

ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتى قارا بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئالتە ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-05-01 22:12 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خيۇستون، 30-ئاپرېل تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا تېكساس شىتاتىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر پالېستىن 29-ئاپرېل يېرىم كېچىدە قارا بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. قارا بوران كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە ھازىرغىچە ئالتە ئادەم قازا قىلغان.

ئامېرىكا كولۇمبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 29-ئاپرېل يېرىم كېچىدە، بىر قېتىملىق ئاز كۆرۈلىدىغان قارا بوران تۇيۇقسىز پالېستىن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 30-ئاپرېل، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئالتە قازا قىلغۇچىنىڭ جەسىتىنى تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەش ئادەم بىر ئائىلىدىكى كىشىلەر بولۇپ، كەلكۈن ناھايىتى شىددەتلىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۆيىنى ناھايىتى تېزلا سۇ بېسىپ كەتكەن. يەنە بىر ئەر كەلكۈندە تۇنجۇقۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تېكساس شتاتىدىكى خيۇستون شەھىرى كۈچلۈك قارا بوراننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، غايەت زور ھۆل-يېغىن مىقدارى خيۇستون رايونىنى سۇلۇق يەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغان، ھەمدە قارا بوران سەۋەبىدىن، ئاز دېگەندە يەتتە ئادەم قازا قىلغان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号