باش بەت

جاھانكەزدى

14469يوللانما
17مەستانە

ئىچىملىكتىكى مۇز پارچىسىنى بەك كۆپ دەپ قارىغان ئايال بەش مىليون دوللار تۆلەم تەلەپ قىلدى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-05-02 17:21 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 2-ماي تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا چىكاكودىكى بىر ئايال ستارباكس (Starbucks) تىن ئىچىملىك سېتىۋالغاندا، ئىچىملىككە قوشۇلغان مۇز پارچىسى بەك كۆپ بولغانلىقتىن، بۇنى ماتېرىيالنى قىسقارتىپ، ئىستېمالچىلارنى ئالدىغانلىق دەپ قاراپ، ستارباكسنى سوتقا ئەرز قىلغان ھەمدە بەش مىليون دوللار تۆلەم تەلەپ قىلغان. 

ستارباكسنى سوتقا ئەرز قىلغان چىكاكولۇق ئايالنىڭ ئىسمى Stacy Pincus بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئىللىنوئىس شىمالىي رايونلۇق فېدېراتسىيە سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، ستارباكسنىڭ ئىستېمالچىلارنى ئالدىغانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. 

Stacy Pincus نىڭ ئېيتىشىچە، ستارباكس سوغۇق ئىچىملىك ساتقاندا زور مىقداردا مۇز پارچىسى قوشىدىغان بولۇپ، خېرىدارلار قولىغا ئالغان ئىچىملىك ئۇلار تاپشۇرغان ھەقنىڭ ئاران يېرىمىغا ئەرزىيدىكەن. ھالبۇكى ستارباكسنىڭ ئېلانىدا، ئىچىملىكلەرنىڭ مىقدارى 12 ئۇنسىيە، 16 ئۇنسىيە، 24 ئۇنسىيە ۋە 30 ئۇنسىيەلىك دەپ ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئىچىملىككە مۇز پارچىسى قوشقاندىن كېيىن، خېرىدارلار ئېرىشىدىغان ئىچىملىك ستارباكس ۋەدە قىلغان ئىچىملىك مىقدارىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىكەن. 

Stacy Pincus يەنە ستارباكسنىڭ سوغۇق ئىچىملىكلىرىنىڭ ئىسسىق ئىچىملىكلەرگە قارىغاندا قىممەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق سوغۇق ئىچىملىكتىن كىرىدىغان پايدىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. سوتنىڭ ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى ستارباكس ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن ئىچىملىك مۇز چاي ئىكەن. 

بۇ ئەرزنامىدە ستارباكسىنىڭ بەش مىليون دوللار چىقىرىپ، ئۆتكەن 10 يىلدا سوغۇق ئىچىملىك سېتىۋالغان خېرىدارلارنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان. 

ستارباكس بۇ ئەرزنامىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، خېرىدارلار سوغۇق ئىچىملىك تاللاپ سېتىۋالغاندا، مۇز پارچىسىنىڭ سوغۇق ئىچىملىكنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئەرزنامىنىڭ قانۇن ئاساسى يوقلۇقىنى ئېيتقان. ستارباكس تەكىتلەپ، ئەگەر خېرىدارلار ئۆزلىرى سېتىۋالغان ئىچىملىكتىن رازى بولمىسا، ستارباكسنىڭ خېرىدارغا يەنە بىر ئىستاكان ئىچىملىكنى ھەقسىز بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

بۇ ستارباكسنىڭ تۇنجى قېتىم مەھسۇلاتىغا «سۇ قوشقانلىق» سەۋەبىدىن ئەيىبلىنىشى بولماستىن، تېخى يېقىندىلا كالىفورنىيەلىك ئىككى خېرىدار ئۆزلىرى سېتىۋالغان ئىسسىق ئىچىملىكنىڭ ئۆلچەمدىكىدىن %25 ئاز ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىنكاس مەلۇم قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号