باش بەت

ئەييۇب

777يوللانما
0مەستانە

بېرمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قاتتىق بوران چىقىپ، 18 ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-05-06 12:41 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رانگون، 5ـ ماي تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېرما تاراتقۇلىرىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېرمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ماندالاي ئۆلكىسىدە يېقىنقى كۈنلەردە قاتتىق بوران چىقىپ، 18 ئادەم قازا قىلىپ، 24 ئادەم يارىلانغان.

ماندالاي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان بېرمىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بولغان ماندالاي شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماندالاي ئۆلكىسىدىكى كۆپ قىسىم جايلار 4-مايدىن باشلاپ بوراننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. ماندالاي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 4-ماي ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق ئاپەتتە زىيانغا ئۇچرىغان ئۆي-ئىمارەت ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 312 مىليون 700 مىڭ بېرما يۈەنىگە ( تەخمىنەن ئىككى مىليون 800 مىڭ دوللار ) يەتكەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بوران سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئىمارەت ئۆرۈلۈپ ۋەيران بولغان، نۇرغۇن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرى، ئىبادەتخانىلارنىڭ ئۆگزىلىرى كۈچلۈك بوراندا ئېچىۋېتىلگەن، يەنە نۇرغۇن چارۋىلار ئۆلگەن ۋە يارىلانغان.

شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەۋاتقان بولۇپ، ھەربىي تەرەپ ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھازىرغىچە 600 مىليوندىن بېرما يۈەنىدىن ئارتۇق (تەخمىنەن 500 مىڭ دوللار) پۇل ئىئانە قىلغان.

ماندالاي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى سۇمىنماۋ مۇنداق دېگەن: ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋەكىلى ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننى كۆزدىن كەچۈرۈردى ھەمدە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەر ئالدى بىلەن قۇتقۇزۇش ياردىمىگە ئېرىشىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号