باش بەت

قىسمەت

678يوللانما
2مەستانە

دۇنياغا داڭلىق ئاشۇ ئالاھىدە خادىملارنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى قانداق بولغان؟

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-05-09 16:12 0 ئىنكاس چۈشتى

ئالاھىدە خادىملارنىڭ ھەممىسى قاتتىق چېنىقتۇرۇلىدۇ، مەسىلەن چەتئەل تىلى، پىسخولوگىيە، چېلىشىش، ئىزىغا چۈشۈش ۋە ئىزىغا چۈشۈشكە قارشى تۇرۇش تېخنىكىسى، جاسۇسلۇق تورىنى قۇرۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش دېگەندەك نۇرغۇنلىغان ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئاندىن ئۇزاق مۇددەتلىك سىناق تەرىقىسىدە ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئۇلار ھەمىشە مەخپىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەھدىتكە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. (سۈرەتتە، رۇسىيەلىك ئالاھىدە خادىم ئاننا چاپمان، FBI نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ پۇل-مۇئامىلە سىياسىي جەھەتتە تەدبىر بەلگۈلىگىچىلەر چەمبىرىكىگە سوقۇنۇپ كىرىپ، چاقماق تېزلىكىدە توي قىلىش ئارقىلىق ئەنگلىيە پاسپورتىغا ئېرىشكەن، رۇسىيەگە قايتۇرۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە دۆلەت تەۋەلىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن، كېيىن بانكا مەسلىھەتچىسى، ياشلار ئۆمىكىنىڭ داھىيىسىغا ئايلانغان). 

رۇسىيەلىك سابىق  دۆلەت بىخەتەرلىك كومېتىتىنىڭ ئالاھىدە خادىمى Alexander Valterovich Litvinenko بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن لوندوندىكى Grosvenor مەيدانىغا جايلاشقان Millennium مېھمانخانىسىدا رادىئاتسىيىلىك ئېلمىنت پولونىي تەرىپىدىن زەھەرلەنگەن بولۇپ، ھايات ۋاقتىدا ئەنگلىيە ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. 

سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشسىمۇ جازا مۇددىتى كېمەيتىلمىگەن رۇسىيەلىك ئالاھىدە خادىم Robert Hansen بىلەن Aldrich. Ames ئىككىيلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2001-يىلى ۋە 1993-يىلى قولغا ئېلىنغان. 

رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كومېتىتى (قسىقارتىلىپ ك گ ب دېيىلىدۇ) نىڭ ئەڭ مۇھىم ئەنگلىيەلىك ئالاھىدە خادىمى، Melita Norwood بۇندىن بۇرۇن 40 يىلغا يېقىن ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيە باشقارمىسىنىڭ ھۈججەتلىرىنى رۇسىيەگە يەتكۈزۈپ بەرگەن، 2005-يىلى Midlands ۋىلايىتىدىكى ساناتورىيىدە 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. 

2006-يىلى رۇسىيە ئەنگلىيە ئالاھىدە خادىمىنىڭ يالغان تاش ئارقىلىق تەشكىلات بىلەن ئالاقە باغلاپ، يۇقىرى دەرىجىدىكى مەخپىي ئۇچۇرلارنى چۈشۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. بۇنىڭغا قارىتا ئەنگلىيە باشتا كۈلۈپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما 2012-يىلى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىلايىر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جونسون پوۋېل رۇسىيە تەرەپنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى ئېتىراپ قىلغان.

تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا ئابدىمىلىك بولغان پىلاتىنا توپ ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ رىياسەتچىسى جورجى مالكوفنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ 1969-يىلى بۇلغارىيىدىن خائىنلىق قىلىپ قېچىپ كەتكەن ئىدى. 

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى رۇسىيە RT تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا Ryan Fogg رۇسىيە فېدىراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. 

ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ كاتىپى Ryan Fogg رۇسىيە فېدىراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئاددىيلا جاسۇسلۇق ئەسۋابلىرى، ئىككى يالغاچ چاچ، ئىككى قارا كۆزەينەك، ئىككى كىچىك پىچاق، موسكۋا خەرىتىسى ۋە بىر باغلام 500 ياۋرو قەغەز پۇل بايقالغان. 

رۇسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى بىر پارچە ياۋروپا 23-قانىلىدىن ئېرىشكەن سۈرەتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، قارىماققا ئاددىيلا خەت ساندۇقى ئەسلىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق «جاسۇسلۇق تېشى» بولۇپ چىققان. 

Eddie Chapman، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدىكى ئەنگلىيىگە سېسىق نامى پۇر كەتكەن داڭلىق قوش تەۋەلىك جاسۇس بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە ئۈچۈن تەڭ خىزمەت قىلغان. 1997-يىلى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. 

ئەنگلىيە ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسىغا سوقۇنۇپ كىرگەن سوۋېت ئىتتىپاقىلىق جاسۇس فىلىپ 1963-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئەقىللىق خائىنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، 1988-يىلى 77 يېشىدا موسكۋادا ئالەمدىن ئۆتكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号