باش بەت

رۇشەن

2683يوللانما
109مەستانە

بانكىغا «700 مىليارد يۈەن» ساختا ئامانەت تالونى كۆتۈرۈپ بارغان ئايال ساقچىغا تۇتۇلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-05-12 17:39 0 ئىنكاس چۈشتى


نۇر تورى تەرجىمىسى:

    700 مىليارد يۈەننى ئېلىپ باي بولۇش خام خىيالىنى سۈرگەن ئايال ساختا ئامانەت تالونى ياسىغاچقا قولغا ئېلىندى.

تەيبېي شەھىرىنىڭ ۋەنخۇا رايونىدىكى «ياشلار» پوچتىخانىسىدا 51 ياشلىق شۈ فامىلىلىك بىر ئايالنىڭ گۆرۈلۈك قەرز پۇل ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەكچى بولغان، بانكا خادىمى ئۇنىڭ قولىدىن ئامانەت پۇل چېكىنى ئالغان چاغدا، چىرايى تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ كەتكەن. چۈنكى ئامانەت پۇل چېكىنىڭ سوممىسى دېگەن يەرگە «700 مىليارد يۈەن» دەپ يېزىلغان ئىكەن.

    بانكا خادىمى ئامانەت پۇل چېكىنى ئۆزگەرتىپ ياسالغان، دەپ قاراپ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئايال بىلەن بىللە ماڭغان يەنە بىر ئەرنىڭ يېنىدىن «900000000000 يۈەن» (900 مىليارد) لىك ۋە «1000000000000 يۈەن» (بىر تىرىليون) لىك ئامانەت پۇل چېكىنى تەكشۈرۈپ تاپقان بولۇپ، ئۈچ ۋاراق ئامانەت پۇل چېكىنىڭ قىممىتى 2.6 تىرىليون يۈەنگە يەتكەن.


    ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، بۇ بىر جۈپ ئەر- ئايال 3-چېسلا چۈشتىن كېيىن، «700 مىليارد يۈەن» لىك پوچتا قەرەللىك ئامانەت پۇل چېكىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخسىنى ئېلىپ پوچتىخانىغا بېرىپ گۆرۆلۈك قەرز پۇل ئېلىش رەسمىيىتىنى بىجىرمەكچى بولغاندا، بانكا خادىمى ئامانەت پۇل چېكىنى ئۆزگەرتىلگەن ياكى ساختا ياسالغان، دەپ گۇمان قىلىپ، قارشى تەرەپتىن ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

    ساقچىلار نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلغاندا، بۇ ئەر ۋە ئايالنىڭ بانكا خادىمى بىلەن توختىماي گەپ تالىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە «ئامانەت پۇل چېكىنى قەتئىي ئۆزگەرتىۋالمىدۇق» دەپ چىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن؛ جۇڭخۇا پوچتىسىمۇ يەنە تەكشۈرۈپ باھالاشقا ئادەم ئەۋەتكەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەقىقىي ئامانەت پۇل چېكىنىڭ رەقەملىرى ۋە باشقا ماتېرىياللىرىغا كومپيۇتېر باسمىسى ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، بىراق شۈ فامىلىلىك ئايال كۆرسەتكەن ئامانەت پۇل چېكىگە ئۇيۇلغان تامغا باستۇرۇلغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە پوچتا ئىدارىسىمۇ ئەزەلدىن سوممىسى 700 مىليارد يۈەنلىك ئامانەت پۇل چېكىنى يېزىپ باقمىغان بولۇپ، ساختا ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان.

    ساقچىلار دەرھال بۇ ئەر ۋە ئايالنى قولغا ئالغان. ئۇندىن باشقا، يەنە ئەرنىڭ يېنىدىن بىر پارچە «1 تىرىليون يۈەن» لىك پوچتا قەرەللىك ئامانەت قويۇش تالونى ۋە يەنە بىر «900 مىليارد يۈەن» لىك جۇڭخۇا پوچتىسى ئاجرىتىپ بەرگەن ئامانەت پۇل چېكىنى تەكشۈرۈپ تاپقان. ئۇلار ئىقرار قىلىپ، ئامانەت پۇل چەكلىرىنى گاۋشيۇڭدىكى بىر بايلىق يىغىۋېلىش مەيدانىدىن تېپىۋالغانلىقىنى، لېكىن ئامانەت پۇل چېكىدە چەكنى تارقاتقان پوچتىخانىغا بېرىپ ئېلىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن بولغاچقا، ئاندىن شۇنچە يىراقتىن تەيبېيگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号