باش بەت

ئادىل

5022يوللانما
1مەستانە

ئەنگىلىيە دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مومىيانى كۆرسەتتى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-05-13 10:31 0 ئىنكاس چۈشتى


ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مىسىر يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى فىرئەۋىن تۇتانكامۇننىڭ قەبرىسى ئىچىدە، ئىككى نەپەر ئايرىم-ئايرىم 25 ھەپتىلىك، 37 ھەپتىلىك بوۋاق مومىيا بار، بىراق ئەڭ ياش مومىيانىڭ خاتىرىسى بولسا ئارانلا 18 ھەپتىلىك ھەم تۇغۇلمىغان بوۋاق، بۇ مۇزىينىڭ مەسئۇل خادىمى جۇلىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ مومىيا ۋە ئۇنىڭ تاۋۇتىنىڭ ياغىچى، كۆمۈش ئۇسۇلىدىن قەدىمقى مىسىرلىقلارنىڭ ھاياتلىقنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىگە قانداق يۈزلىنىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى كىچىك تىپتىكى مومىيا بولسا 1907-يىلى قېزىلغان مەدەنىيەت بۇيۇمى، تاۋۇت ياغىچى ئاران 44 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا، يىل دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 664-يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 525 يىلىغىچە ئەتراپىدىكى قەدىمكى مىسىر كېيىنكى پادىشاھلىق دەۋرى، پۈتۈن تاۋۇت كېدېر ياغىچىدىن ياسالغان، گەرچە ئازراق قىسمى چىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۈستىدىكى نەپىس ئويمىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئەكىسچە 18 ھەپتىلىك چۈشۈرۋېتىلگەن بوۋاق ئوخشاشلا بېنىت بىلەن ئورالغان، ھەم دەرەخ يىلىمى بىلەن پېچەتلىگەن، ياساش جەريانىدا قىلچىمۇ بىپەرۋالىق قىلمىغان.

مومىياغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، تەتقىقات گۇرۇپپىسى مىكرو كومپيۇتېر ئۈزۈلمە قاتلام سىكانېرلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلىپ، بېنىت ئىچىدىكى جەسەتنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ قولىنىڭ گىرەلەشتۈرۈلۈپ كۆكرەك ئالدىغا قويۇلغانلىقى، سول پۇتىنىڭ ئىچ تەرىپىدىكى پاقالچاق سۆڭەكنىڭ ئاران 1.6 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ھەپتە سانى بەك كىچىك بولغانلىقتىن جىنسىنى پەرقلەندۈرەلمىگەن. نۆۋەتتىكى مەلۇم بولغان خاتىرىلەر ئىچىدە، چۈشۈرۋېتىلگەن بوۋاق مومىيا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号