باش بەت

قىسمەت

668يوللانما
2مەستانە

كوكا كولا شىركىتى ۋېنسۇئېلادا ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-05-21 12:34 0 ئىنكاس چۈشتى


كوكا كولا شىركىتى 19-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، شېكەر خام ئەشياسىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبلىك، شىركەتنىڭ ۋېنسۇئېلادىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كوكا كولا شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار شىركەتنىڭ ۋېنسۇئېلادىكى باش شىتابىنى تاقىمايدىكەن، شۇنداقلا بۇ دۆلەتتىنمۇ ئايرىلمايدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، كوكا كولا شىركىتىنىڭ %90 مەھسۇلاتى شېكەرنى خام ئەشيا قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدا، ۋېنسۇئېلادىكى ئەڭ چوڭ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە توپ تارقىتىش كارخانىسى بولغان «قۇتۇپ شىركىتى» بۇغداي خام ئەشياسىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبلىك، پىۋا ئىشلەپچىقىرىشىنى توختاتقانلىقىنى جاكرلىغان. خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ۋە ئىقتىسادنىڭ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى سەۋەبلىك، ۋېنسۇئېلادا بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ ماددىي خام ئەشيالار بىلەن تەمىنلەش كەمچىللىكى ئېغىرلاپ كەتكەن، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ مۇددىتى 60 كۈنلۈك ئىقتىسادىي جىددىي ئەھۋالغا كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان، 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بۇ جىددىي ئەھۋالنى يەنە 60 كۈنلۈك ئۇزارتقانلىقىنى جاكارلىغان. 

ئىقتىساد جىددىي ئەھۋال مەزگىلىدە، ھېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى پارلامېنت تەستىقلايدىغان دائىرىدىن باشقا زاپاس مەبلەغنى ئىشلىتەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە نۆۋەتتىكى قانۇن رامكىسىدىن باشقا بارلىق ئالاھىدە ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش ۋە ئوبوروتقا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر خىل تۈردىكى خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىمپورت-ئېكسپورت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىدۇ، شۇنداقلا باجدىن قېچىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号