باش بەت

نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن

1921يوللانما
39مەستانە

ئەلنۇرى شىركىتى ئاقسۇدا كاتتا پائالىيەت ئۆتكۈزدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-05-25 17:07 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى مەخسۇس خەۋىرى :

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 21-، 22-كۈنلىرى، شىنجاڭدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئورگانىك يېزا-ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئەلنۇرى ئۇنچىلىقى ئېكولوگىيەلىك ئورگانىك بۇغداي تېرىش بازىسى مۇتەخەسىسلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچى، ئىستېمالچىلارنىڭ كۆزدىن كۆچۈرۈش، دەلىللەش مۇھاكىمە يىغىنى ئاقسۇ شەھىرىدە ۋە كەلپىن ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلدى.

21-ماي، رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىۋاتقان يېزا-ئىگىلىك مۇتەخەسىسلىرى ۋە ئەلنۇرى شىركىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى، ئىستىمالچىلىرى بىرلىكتە خەلقىمىزگە ئورگانىك، يېشىل، زىيانسىز يېمەكلىكلەرنى سۇنۇشنى مەقسەت قىلغان شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىگە جايلاشقان ئىشلەپ چىقىرىش بازىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈردى ۋە ئەلنۇرى شىركىتىنىڭ يېشىل ئورگانىك بۇغدايلىق بازىلىرىغا بېرىپ، ئورگانىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھاۋا، سۇ، تۇپراق قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ ئورگانىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان تەسىرىنى ۋە رولىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

22-ماي، شىنجاڭدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇھاكىمە يىغىنىغا خۇش ئاۋاز رىياسەتچى شەمسىيە ئەبەيدۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇندىن باشقا بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا رايونىمىزدىكى بىر قىسىم تۇپراقشۇناسلىق، ئۈسۆملۈكشۇناسلىق، ئوزۇقشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئالىم مۇتەخەسىسلەر، ئەلنۇرى شىركىتىنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرى، ئىستىمالچىلىرى ۋە تاراتقۇلار بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

ئورگانىك بولسا خەلقئارالىق ئۆلچەم بولۇپ، ئورگانىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن خېمىيىلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدىكەن. ئېغىللاردىن ئېلىنغان ئورگانىك ئوغۇتلار بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساس قىلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا خام-ئەشيالارنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا ئۇنى بۇلغاپ قويۇش مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ يەر شەكلىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن، ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھاۋاسى بۇلغانغان جايدا يەنى شەھەر رايونلىرىدا بولغاندا، خام-ئەشيالار ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدا بۇلغىنىش گىردابىغا بېرىپ قالىدىكەن. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئېستىمالچىلارغا ساپ، تەبىئىي بولغان يېشىل ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى سۇنۇشنى مەقسەت قىلغان ئەلنۇرى شىركىتى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھاۋاسى ساپ، پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا خام-ئەشيالارنىڭ بۇلغانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان زاۋۇت قۇرغان بولۇپ، بۇ زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇن، گۈرۈچ قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېستىمالچىلارنىڭ خاتىرجەملىك بىلەن ئېستىمال قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 1995-يىلى ئۇن پىششىقلاش كەسپىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، مەھسۇلاتنىڭ ساپ تەبىئىي، شۈبھىسىز پىششىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ھازىر كەسىپ دائىرىسى ساپ تەبىئىي ئۇن پىششىقلاش، كەلپىن چامغۇرىنى پىششىقلاش، ساپ تەبىئىي گۈرۈچچىلىك، مىۋە-چىۋە پىششىقلاش، ئېكىلوگىيلىك دېھقانچىلىق مەيدانى، يېمەك-ئىچمەك، مېھمانساراي قاتارلىق كەسىپلەرگە كېڭەيگەن، مۇقىم خىزمەتچى خادىمى 200 نەپەردىن ئاشقان، پىششىقلاش، سېتىش، مۇلازىمەت بىرگەۋدىلەشكەن ئۇنۋىرسال كارخانىغا ئايلاندى.ئەلنۇرى شىركىتى خەلقىمىزنى زىيادە ئاق، زىيادە سوزۇلۇشچان، زىيادە كۆپۈشچانلىققا ئىگە ساغلاملىقىمىزغا تەھدىت سېلىۋاتقان خېمىيىلىك دورىلار قوشۇلغان تەننەرقى تۆۋەن ئۇنلارنى ئېستىمال قىلىشتىن، ساپ تەبىئىي، پاكىز، قۇۋۋەتلىك ھەم ئورگانىزىمغا پايدىلىق بولغان ئۇنلارنى ئېستىمال قىلىشقا يېتەكلەپ خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا ھەسسە قوشۇش مەخسىتىدە ئۇزۇن يىل ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 2014-يىلى ھەرخىل بۇلغۇنۇشلاردىن خالى دۆلەت دەرىجىلىك ئىېكىلوگىيىلىك رايون شىنجاڭ كەلپىن ناھىيە بازىرى تاغ باغرىغا ئورگانىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى بويىچە 1- باسقۇچتا 20 مىليون يۈەن مەبلەخ سېلىپ، ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار بولغان كۈندىلىك بۇغداي پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى 150 توننىلىق، بەشتىن خالى ھەقىقىي ساپ تەبىئىي ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئۇن زاۋۇتى بىلەن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىختىدارى 5000 توننىلىق مىۋە-چىۋە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى ئاساس قىلىپ كۆلەملەشكەن بىر سانائەت باغچىسى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈردى.

دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە قويغان ھەر خىل تەلەپلىرىنىڭ يۇقىرى بولۇۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، ئەلنۇرى شىركىتى 2 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، زور مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، يۇقىرى سەۋىيەدىكى تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ 15 مىڭ مو ئەتراپىدىكى ئورگانىك بۇغداي بازىسىنى بەرپا قىلدى، ئۇندىن باشقا شىركەتكە تەۋە بولغان 1000 مو ئەتراپىدا يېشىل بۇغدايلىق بازىسى بەرپا قىلدى. ئېگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ بۇغدايلىقلىرى يېشىل ئۆلچىمىگە يېتىدىكەن، ئەلنۇرى شىركىتىمۇ مۇشۇنداق ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، ھەمدە مۇشۇ ئەۋزەللىكنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، دىيارىمىزنىڭمۇ خەلقئارا ئۆلچىمىگە، ئورگانىك ئۆلچىمىگە ۋە يېشىل ئۆلچىمىگە يەتكەن خام-ئەشيا بازىسى ئىكەنلىكىنى خەلقىمىزگە تونۇتۇش، دىيارىمىزدىن چىققان بۇغدايدىن، ۋەياكى مىۋە-چېۋىلەردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلەرنىڭ يۇقىرى ئېستىماللىق بازالارغا بۆسۈپ كىرىشىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى نىشان قىلغان.

بۇ سانائەت باغچىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئەلنۇرى ساپ تەبىئىي ئۇنلىرىنىڭ بەش چوڭ ئالاھىدىلىكى: 1. خېمىيىلىك دورىدىن خالى؛ چۈنكى خېمىيىلىك دورىسىز ساپ تەبىئىي ئۇن ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى. 2. بۇلغانغان ھاۋادىن خالىي، چۈنكى ساپ ھاۋا بۇغداي ۋە ئۇنلارنىڭ ئۈسكۈنىلەرگە پاكىز يەتكۈزىلىشىنىڭ كاپالىتى. 3. بۇلغانغان سۇدىن خالى؛ چۈنكى ساپ سۇ بۇغدايلارنىڭ پاكىز يۇيۇلىشىنىڭ كاپالىتى. 4. سۈپەتسىز بۇغدايدىن خالى؛ چۈنكى سۈپىتى ياخشى ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بۇغداي سۈپەتلىك ساپ تەبىئىي ئۇن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كاپالىتى. 5. ئوزۇقلۇق ئىلمىنىتلىرى كۆيدۈرىۋېتىلىشتىن خالى؛ چۈنكى ئىلغار تېخنىكا تۆۋەن تېمپۇراتۇرىدا پىششىقلاش ئۇندىكى ئوزۇقلۇق ئىلمىنىتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىنىڭ كاپالىتى. (تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە تۆۋەن تىمپۇراتۇرىدا پىششىقلانغان ئۇننىڭ تەركىبىدىكى كاروتېن (胡萝卜素) نىڭ مىقدارى يۇقىرى تېمپۇراتۇرادا تارتىلغان ئۇندىن 17ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدۇ).

ئەلنۇرى مۇنداق دەيدۇ :«شىركەت ئىلكىدە ھازىر بار بولغان ئىكىلوگىيىلىك دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئاساس قىلىپ يەنىمۇ كېڭەيتىش بىلەن بىرگە رايونىمىزدىكى يەر ئېگىدارلىرى ۋە دېھقانلار بىلەن ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاپ، ھەرخىل خېمىيىۋى دورىلار ئىشلىتىلمەيدىغان ئورگانىك دېھقانچىلىق رايونى بەرپا قىلىپ سانائەت باغچىسىنى تېرىشتىن تارتىپ ئىشلەپچىقىرىشقىچە ھەرخىل بۇلغىنىشتىن ۋە خېمىيىلىك دورىلاردىن خالى ئورگانىك ئۇن، ئورگانىك كەلپىن چامغۇرى، ئورگانىك چىلان ۋە ئورگانىك ئۆرۈك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بازىغا ئايلاندۇرۇپ ئەلنۇرى شىركىتىنى ساپ-تەبىئىي ئورگانىك مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىشتىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلاندۇرۇپ ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا ھەسسە قوشىمىز»!ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن دائىملىق يىمەكلىكىڭىزنىڭ ساپ تەبىئىيلىكىگە دىققەت قىلىڭ!تەبىئىي يېمەكلىك، ساغلام دېمەكلىك!مەنزىل: شىنجاڭ كەلپىن ناھىيە ئەلنۇرى يولى 18-نومۇر

www.alnuri.com

tel: 400 0997 003


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号