باش بەت

جاھانكەزدى

14374يوللانما
10مەستانە

ئەلگە ياققان «ئەلنۇرى»

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-05-27 18:18 0 ئىنكاس چۈشتى

ئۆز مۇخبىرلىرىمىز قۇربانجان قېيۇم، سالاتىن ساتتارلار خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 22-ماي ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىسلەر، ئەلنۇرى شىركىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى، جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرى ۋە تاراتقۇلاردىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىندا شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ئادىل نىياز مۇنداق دېدى: «بۇ نۆۋەتلىك ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى ئۆز ئارا ئۇچراشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا ئەلنۇرى شىركىتىنىڭ ئورگانىك دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بىلەن ئورگانىك پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسىنى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىدىن، تەتقىق قىلىشىدىن ۋە ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىشىدىن ئۆتكۈزۈشتۇر.

ئەلنۇرى شىركىتى ئاساسلىق يېمەكلىكنىڭ بىرى بولغان ئۇندىكى ھەرخىل بۇلغىنىشقا قارىتا ئۇزۇن يىل ئىزدىنىش ۋە تەققىق قىلىش ئارقىلىق، ساغلام، پاكىزە ئىستېمالغا يېتەكلەش مەقسىتىدە، 2014-يىلى ھەرخىل بۇلغىنىشتىن خالى دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك رايون-شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسى تاغ باغرىدا ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار، خىمىيىلىك دورىدىن خالىي، بۇلغانغان ھاۋادىن خالىي، بۇلغانغان سۇدىن خالىي، سۈپەتسىز بۇغدايدىن خالىي، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئوزۇقلۇق ئېلمېنتلىرى كۆيدۈرىۋېتىشتىن خالىي ساپ تەبىئىي ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئۇن زاۋۇتىنى ئاساس قىلىپ، كۆلەملەشكەن بىر سانائەت رايونى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈردى.


مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号