باش بەت

جاھانكەزدى

14354يوللانما
5مەستانە

قانداق ئۇسۇللار بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ ئاپتول ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى بېكىتىمىز؟

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-06-05 22:22 0 ئىنكاس چۈشتى

شوپۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاپتوموبىل ئاسراشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىش دەل ئاپتول ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدۇر. كۆپىنچە ھاللاردا 4S دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى شوپۇرلارغا تېلېفون ئۇرۇپ، ئاپتول ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنىڭ توشقانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. مەيلى چوڭ ئاسراش ياكى كىچىك ئاسراش بولسۇن، مەيلى ئاپتولنى ئالماشتۇرۇشقا تېگىشلىك بولسۇن ياكى بولمىسۇن، %99 ئەھۋالدا 4S دۇكانلىرى سىزنى ئاپتول ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ، بىراق بۇ چاغدا ئاپتول بەلكىم تېخى ئالماشتۇرىدىغان دەرىجىگە يەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر 4S دۇكىنىغا بارماي، ئاپتوموبىل ئاسراش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، ئۆزىڭىز ئاپتول ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، ئاپتولنى ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىت كەلگەن كەلمىگەنلىكىگە ئۆزىڭىز ھۆكۈم قىلسىڭىز بولىدۇ. 


تۆۋەندە ئاپتول ئالماشتۇرۇش ۋاقتى بولغان بولمىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ تۆت خىل ئۇسۇلىنى پايدىلىنىشىڭلارغا سۇنىمىز:

1. پۇراش ئۇسۇلى: ئاپتول ئۆلچىگۈچنى چىقىرىپ پۇرىغاندا، ئەگەر ئاچچىق ھەم سېسىق پۇراق بولسا، بۇ ئاپتولنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 

2. قولدا تۇتۇپ بېقىش ئۇسۇلى: ئاپتول ئۆلچىگۈچتىن ئاز مىقداردىكى ئاپتولنى ئېلىپ، بارماقلار ئارىسىدا قايتا-قايتا سۈركىگەندە، سۈپىتى ياخشى بولغان ئاپتول ناھايىتى سىيلىق، قىرىندىلار ئاز، سۈركىلىش تۆۋەن بولىدۇ. ئەگەر يېپىشقاقلىقى تۆۋەن، قىرىندىلار كۆپ بولسا، ئالماشتۇرۇش كېرەك. 

3. نۇر ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى: ئاپتول ئۆلچىگۈچنى چىقىرىپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا ئاپتول تامچىسىنى كۆزەتكەندە، ئاپتول تەركىبىدىكى قىرىندى ماددىلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر قىرىندى ماددىلار بەك كۆپ ياكى دۇغ بەك كۆپ بولسا، ئاپتولنى ئالماشتۇرۇش كېرەك. 

4. رەڭ پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى: بىر پارچە پاكىز سۈزگۈچ قەغەز ياكى سۈپىتى ياخشى بولغان يۈز سۈرتۈش قەغىزى ئۈستىگە بىر نەچچە تامچە ئاپتول تېمىتىپ، ئاپتول سۈزۈلگەندىن كېيىن، ئاپتول تەركىبىدە ئۇۋاقلار يوق، قولغا سۈركىگەندە سىيلىق، رەڭگى سارغۇچ سۈزۈك بولسا سۈپىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، رەڭگى قېنىق قارامتۇل رەڭدە ھەمدە تەركىبىدە ئارىلاش ماددىلار بولسا، ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号