باش بەت

يۈسۈپ ھۇشۇر

188يوللانما
13مەستانە

ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قالغان ئەر ئۆيىگە ئارغامچا بىلەن كىرمەكچى بولغاندا بەختسىزلىككە يولۇقتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-06-04 13:21 0 ئىنكاس چۈشتى

  6-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، ليەنيۈنگاڭ شەھىرى خەيجۇ رايونىدا بىر قېتىملىق پاجىئە يۈز بەرگەن، بىر ئەر كىشى ئاچقۇچىنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغاچقا، ئۈچىنچى قەۋەتتىن ئارغامچا بىلەن ئۆيىگە كىرمەكچى بولغان، كىم بىلسۇن، ئارغامچا تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ كېتىپ، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. دوختۇرلار جىددىي قۇتقۇزغان بولسىمۇ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

  بەختسىزلىك: ئەر ئۈچىنچى قەۋەتنىڭ ئۆگزىسىدىن چۈشۈپ كەتكەن.

  ۋەقە خەيجۇ رايونىدىكى كېسىشمە يول ئېغىزىدىكى بىر ئۈچ قەۋەتلىك ئولتۇراق بىنادا يۈز بەرگەن.

  نەق مەيداننى كۆرگەن ۋاڭ ئەپەندىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ۋەقە شۇ ئاخشىمى سائەت 9دىن ئۆتكەندە يۈز بەرگەن، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن نەق مايدانغا بارغاندا بىنانىڭ يېنىغا توختىتىپ قويۇلغان بىر ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتىنى كۆردۈم، موتوسىكلىتقا تۇرمۇش بۇيۇملىرى بېسىلغان ئىكەن، موتوسىكلىتنىڭ قېشىدا قان دېغى بار بولۇپ، ئادەمنى ئاللىبۇرۇن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن ئىكەن.»

  قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان دۇكان ئىگىسى شياۋ چېن (ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ دېيىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا، ئۇ 10مېتىر نېرىسىدىكى دۇكاننىڭ ئىچىدە بولۇپ، سىرتتا «پوك» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپلا ئىشىكىنى ئېچىپ قاراپ باققان، ھەم بىر ئەر كىشىنىڭ يەردە ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن چۆچۈپ كەتكەن. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن  30ياشتىن ئاشقان بىر ئەر كىشىنىڭ ئاغزى-بۇرنى قانغا بويالغان ھالدا يەردە ياتقىنى، بېلىگە ئارغامچا باغلىۋالغانلىقىنى كۆردۈم.» ئۇ ئەر كىشىدىن گەپ سوراپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەر كىشى گەپكە جاۋاب بېرەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياردەمگە ئادەم توۋلىغاچ، 120گە تېلېفون قىلغان. جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى تېزلىكتە يېتىپ كېلىپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن.

  سەۋەب: «پاراشۇت» بىلەن ئۆيگە قايتىشنى ئويلاپ، بەختسىزلىككە يولۇققان.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۆگزىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئەرنىڭ فامىلىسى جاۋ، يۇرتى ئەنخۇي، ئايالى بىلەن خەيجۇ رايونىدا كىچىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، يېقىندىلا ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى بىنادىن ئۆي سېتىۋالغان. ۋەقە يۈز بەرگەن ئاخشىمى، جاڭxx ئايالى بىلەن يېڭى ئالغان نەرسىلەرنى ئۆيگە توشۇش جەريانىدا دىققەتسىزلىكتىن ئاچقۇچنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن جاڭxx ئارغامچا تاپقاندىن كېيىن، بىنانىڭ ئۆگزىسى ئارقىلىق ئېسىلىپ چۈشۈپ، ھۇجرىنىڭ دېرىزىسىدىن ئۆيگە كىرمەكچى بولغان. نەق شۇ چاغدا ئويلىمىغان يەردىن كۈتۈلمىگەن ئەھۋال  يۈز بەرگەن، ئارغامچا يا ياخشى چىگىلمىدىمۇ، يا ئۇپراپ كەتتىمۇ، ئىشقىلىپ تۇيۇقسىزلا ئارغامچا ئۈزۈلۈپ، ئۇ 10مېتىر ئېگىزلىكتىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن.

  گەرچە دوختۇرلار جاڭxxنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق جىددىي قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئاخىردا يارىسى ئېغىر بولغاچقا بەختكە قارىشى قازا قىلغان.

  ھازىر، ئالاقىدار تارماقلار بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرمەكتە. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号