باش بەت

ئەلقەم ئەنۋەر

1313يوللانما
1مەستانە

دۇنيا بايلىقنىڭ يېرىمى پۈتكۈل دۇنيادىكى %1 ئادەمنىڭ ئىلىكىدە

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-06-10 16:47 0 ئىنكاس چۈشتى

جوڭجىن لىنىيەسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا بوستون مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، پۈتكۈل دۇنيادا تەخمىنەن 18 مىليون 500 مىڭ مىليونېردىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بار بولۇپ، يەنى بايلىقى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپ ئائىلە، ئادەم سانى دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %1نى ئىگىلىگەن، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي بايلىقى 78 تىرىليون 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكى بايلىقنىڭ (نەق پۇل، پۇل-مۇئامىلە بايلىقى، پاي چەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆي-مۈلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) %47 گە باراۋەر ئىكەن. 

دۇنيادىكى شەخسلەر بايلىقنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ %1 ئادەمنىڭ بارلىق بايلىقى مۇقىم ئېشىپ كەلگەن بولۇپ، 2013-يىلى دۇنيا بايلىقىنى ئىگىلىگەنلەرنىڭ نىسبىتى %45 تىن، ئېشىپ ئۆتكەن يىلى %47 گە يەتكەن. 

ئامېرىكىدا مال-مۈلكى مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدىغان ئائىلىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، سەككىز مىليونغا يەتكەن؛ جۇڭگو بىلەن ياپونىيە 2-ئورۇندا تۇرۇپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىككى مىليون ۋە بىر مىليون ئائىلە بار ئىكەن. ئەمما كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان بايلىق ئەڭ كۆپ، بايلىقنى ئەڭ كۆپ توپلىغان دۆلەت ياۋروپادىكى لىچتېنشتېين بىلەن شۋېتسارىيە ئىكەن. 

شەرقىي ئاسىيانىڭ تۈرتكىسىدە، ئاسىيا رايونىنىڭ بايلىقىمۇ تىز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، ئۆتكەن بەش يىلدا يىلىغا ئوتتۇرىچە %12.3 ئاشقان، دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشچە 2020-يىلغا كەلگەندە بۇ رايوننىڭ بايلىقى يەنىلا ھەر يىلى %10تىن يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتى بويىچە ئاشىدىكەن. دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشچە، 2017-يىلى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بايلىق ئومۇمىي مىقدارى غەربىي ياۋروپادىن ھالقىپ، ئۈزلۈكسىز ئېشىپ شىمالىي ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەت باجدىن قېچىشقا زەربە بېرىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، قىرغاقتىن چەتئەلدىكى باجدىن قېچىش ئورۇنلىرىنىڭ بايلىق ئومۇمىي مىقدارى ئۆتكەن يىلى بۇرۇنقىدەكلا %3 ئېشىپ، 10 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ بايلىقنىڭ ئىگىدارلىرى ئاساسلىقى لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号