باش بەت

رۈيا

853يوللانما
1مەستانە

خۇنەندە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 60 ئادەم دوختۇرغا كىرىپ قالدى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-06-10 15:56 0 ئىنكاس چۈشتى

  مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنورماللىق كۆرۈلۈپ، دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈتۈش ئارقىلىق، ھازىرچە ھەممە بىمارلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدىغانلىقى بېكىتىلگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 9-چېسلا چۈشتىن كېيىن، ئامما ئارقا-ئارقىدىن شياڭتەن ناھىيە خېكوۋ بازارلىق ھۆكۈمەتكە ، بەزى كىشىلەرنىڭ مەزكۇر بازاردىكى گۇتاڭچاۋ تاللا بازىرىدىكى چىلىغان كۆكتاتنى يېگەندىن كېيىن، ئۇلاردا قۇسۇش، باش قېيىش، پۇت–قولى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان.

  بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن، شياڭتەن ھۆكۈمەت دەرھال جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسى تۈزۈپ، تېببىي خادىملارنى زەھەرلەنگەن كەنت ئاھالىسىنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتكەن، ۋەقەگە چېتىشلىق بازار كەنت كادىرلىرىنى تەشكىللەپ، ۋەقەگە چېتىشلىق تاللا بازىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ رازۋېدكا قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەزكۇر تاللا بازىرىدىن چىلىغان كۆكتات سېتىۋېلىپ يېگەن ئاممىنى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان، ھەمدە ۋەقەگە چېتىشلىق تاللا بازىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ پېچەتلىگەن.

  نۆۋەتتە، شياڭتەن ناھىيەسى خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، يۇقىرىقى ۋەقەنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرمەكتە. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号