باش بەت

ئادىل

5047يوللانما
1مەستانە

پولشا كوماندىسى شىمالىي ئېرىلاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تارىخ ياراتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-06-13 01:53 0 ئىنكاس چۈشتى





نۇر تورى خەۋىرى:

6-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:00 (فىرانسىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 6:00) دا، ياۋروپا لوڭقىسى س گۇرۇپپا تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسى فىرانسىيەنىڭ نىس شەھىرىدىكى ئالىيانىز مەيدانىدا ئوينالدى. پولشا تارىختا تۇنجى قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتناشقان شىمالىي ئېرىلاندىيە بىلەن ئۇچراشتى، شىمالىي ئېرىلاندىيە ئىلگىرى ئەزەلدىن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ باقمىغان، بۇ يىل ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. پولشا كوماندىسى ئىلگىرى يەتتە قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان، ئەمما 2008-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن تۇنجى قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتناشقان. ئالدىنقى نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىدا ساھىبخان كوماندا سالاھىيىتىدە قاتناشقان. تارىختا پەقەت ئىككى نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتناشقان. بىراق پولشا كوماندىسى بۈگۈنگىچە ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى تارىخىدا غەلىبە قىلىپ باقمىغان.



 ئىككى كوماندا رەسمىي مۇسابىقىدە جەمئىي توققۇز قېتىم ئۇچراشقان، پولشا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، تۆت مەيدان ئۇتتۇرغان، ئەمما شىمالىي ئېرلاندىيەدە بىر مەيدانمۇ غەلىبە قىلىپ باقمىغان. مىلىكنىڭ كىرگۈزگەن توپىغا تايىنىپ پولشا كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق غەلبىگە ئېرىشتى. ئېرىلاندىيە گەرچە بىر مەيدان كۆپ غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، ئىككى كوماندىنىڭ كىرگۈزگەن-كەتكۈزگەن توپ سانى ئوخشاشلا 13 توپ.



 ياۋروپا لوڭقىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ئالتە قېتىم ئۇچراشقان، شىمالىي ئېرىلاندىيە ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولغان. 1964-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە، شىمالىي ئېرىلاندىيە ساھىبخان-مېھمان ئىككى مەيداندا 2-0 نەتىجىدە پولشانى مەغلۇپ قىلغان. 2006-يىللىق گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە پولشا ساھىبخان-مېھمان ئىككى مەيداندا شىمالىي ئېرىلاندىيەنى قوش مەغلۇپ قىلغان. 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە، شىمالىي ئېرىلاندىيە ساھىبخان مەيدان 3-2 نەتىجىدە پولشانى مەغلۇپ قىلغان، مېھمان مەيدان 1-1 نەتىجىدە پولشا بىلەن تەڭلەشكەن.



مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا نەتىجىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 51-مىنۇتتا مىلىك بىر توپ كىرگۈزۈپ، پولشا 1-0 نەتىجىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى، ئەڭ ئاخىرىدا پولشا كوماندىسى مىلىكنىڭ كىرگۈزگەن توپىغا تايىنىپ غەلىبە قىلىپ تارىخ ياراتتى. بۇ پولشا كوماندىسىنىڭ ياۋروپا لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق غەلبىسى ھېسابلىنىدۇ. 

مۇسابىقە جەۋھەرلىرى




پولشا: 4-4-1-1

قاپقىچى: 1-ۋويچېخ شىچاسنى

بېك: 20-لۇكاش پىشچېك، 15- كامىل گلىك، 2- مىكال پازدان، 3-ئارتۇر يېڭژايچېك

ئوتتۇرا مەيدان: 10-گرىژاگوش كرىكوۋىياك، 5-كرىشتوف ماڭچىينىسكى، 16-ياكۇب ۋاشچىكوۋىسكى، 21- بارتوس كاپۇستىكا

ئالدى بەل: 7-ئاركادىيۇش مىلىك

ھۇجۇم:  9- روبېرت لېۋاندوۋىسكى


شىمالىي ئېرلاندىيە: 4-2-3-1

قاپقىچى: 1-ماك گوۋېرن

بېك: 2-كونور ماك، 20-كرەيىگ كەسكارت، 5-جوننى ئېۋانىس، 4-گارېس ماكئاۋلېي

ئارقا بەل: 17-پاترىك ماكنايىر، 3-شەيىن فېرگۇسېن

ئوتتۇرا مەيدان: 16- ئولىۋېر نورۋۇد، 8-ستېۋېن دەيۋىس، 6-كرىس بايرىد

ھۇجۇم: 10-لافېرتى



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号