باش بەت

ئادىلجان

7821يوللانما
104مەستانە

ئالتۇن باھاسى ئۆرلەپ جۇڭگو كارخانىلىرى چەت ئەل ئالتۇن كانلىرىنى تالاشتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-06-14 17:27 0 ئىنكاس چۈشتى

شاڭخەي «پېڭبو» ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ ئاخبارات خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ ئاشكارىلىشىچە، قەرزنى ئازايتىش ئۈچۈن، جىيانېڭكې (Glencore) گوروھى قازاقىستاندىكى ئالتۇن كاننى سېتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ كاننىڭ قىممىتى تەخمىنەن 2 مىليارد دوللار بولۇپ، جۇڭگو ئالتۇن كان كارخانىسى شەندۇڭ ئالتۇن كانچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى ۋە جۇڭجىن ئالتۇن كان پاي چەكلىك شىركىتى بۇ كاننىڭ پېيىغا چۈشكەن خېرىدارلار ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن كان كارخانىسىنىڭ بىرى بولغان زىجىن كانچىلىقىمۇ Vasilkovskoye تۈرىگە قىزىقىشى مۇمكىن. 

ئاخبارات خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جىيانېڭكې بەلكىم بۇ كان ئۈچۈن 2 مىليارد دوللار تەلەپ قىلىشى مۇمكىن؛ ئەمما نۆۋەتتە ھېچقانداق ئاخىرقى كېلىشىم ئىمزالانمىدى، ھالبۇكى جىيانېڭكې ئەڭ ئاخىرىدا بۇ كاننى ساقلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. 

بۇ يىل 5-ئايدىكى خەۋەردە «جىيانېڭكې قەرز بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن قازاقىستاندىكى ئالتۇن كان ياكى كاننىڭ كەلگۈسىدىكى مەھسۇلات مىقدارىنى سېتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ» دېيىلگەن. 

«پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»دە بۇنىڭدىن ئىلگىرى «جىيانېڭكې ئىلكىدىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن كان، قازاقىستاندىكى Vasilkovskoye تۈرى ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەۋاتىدۇ، بەلكىم ئۇنى 2 مىليارد دوللارغا سېتىشى مۇمكىن» دەپ خەۋەر قىلىنغان. بۇ تۈر بۇ يىلنىڭ بېشىدا جىيانېڭكې تەرىپىدىن تاقاپ قويۇلغان. جىيانېڭكې ئەگەر بۇ مۈلۈكنى ئوڭۇشلۇق بىرتەرەپ قىلالىسا، قەرز نىشانىغا زور دەرىجىدە  يېقىنلىشىدۇ. بۇ شىركەت مال-مۈلۈكنى سېتىش ئارقىلىق بۇ يىل ساپ قەرزنى 18 مىليار دوللارغا چۈشۈرىدۇ، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 15 مىليارد دوللارغا چۈشۈرىدۇ. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۇ شىركەتنىڭ ساپ قەرزى 25.9 مىليار دوللارغا يەتكەن. 

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جىيانېڭكې بەلكىم مۇشۇ سەۋەبتىن Vasilkovskoye كېنىنى چۆرىدەپ مەلۇم سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئۇنى سېتىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان تاللاش قىلىشنى قارار قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 

بۇ يىل 4-ئايدا، جىيانېڭكې ئۆزىنىڭ قازاقىستاندىكى كىچىكرەك بىر ئالتۇن كانى بولغان Komarovskoye تۈرىنى روسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولغان پولىيمېتال خەلقئارالىق شىركىتىگە سېتىپ بەرگەن، دەسلەپكى سېتىش باھاسى 100 مىليون دوللار بولغان. 

مېتال ۋە خام نېفىت باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشىنىڭ زەربىسىدە، چوڭ تاۋار باشلامچى كارخانىسى جىيانېڭكېنىڭ ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكى پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %69 تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، 4.29 مىليارد دوللاردىن 1.34 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغان. ئۆتكەن يىلى، جىيانېڭكېنىڭ ئەنگلىيەدە بازارغا سالغان پېيى لوندون بازىرىدىكى ئەڭ ناچار پايلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان. 

ئۆتكەن يىلى 3-پەسىلدە پاي باھاسىنىڭ ئۇدا چۈشۈپ كېتىشىدەك بېسىم ئاستىدا، جىيانېڭكې 10 مىليارد دوللارق قەرزنى ئازايتىپ، مال-مۈلۈكنى سېتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش يولى بىلەن قىينچىلىقتىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى، جىيانېڭكې كانادادىكى برىتانى كولۇمبىيە

مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش شىركىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، 6.249 دوللارلىق باھادا ئۆزىنىڭ يېزائىگىلىك تارماقلىرىدىكى %9.99 پاي ھوقۇقىنى سېتىپ بەردى. 

ياۋروپا ۋە پاپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتى، دوللارنىڭ ھالسىرىشى ۋە بازارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان ئەندىشىسىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل ئالتۇن باھاسىدا ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، بىرىنچى پەسىلدە ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان مۈلۈك بولۇپ قالدى. بۈگۈن، COMEX8 ئايلىق قەرەلدىكى ئالتۇن باھاسى 1270 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تۆت ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكوردنى ياراتتى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号