باش بەت

تۇرغۇنجان ئەرشىدىن

569يوللانما
1مەستانە

SpaceX قارچىغا 9-نومۇرلۇق راكېتاسى قايتىپ كېلىشتە مەغلۇپ بولدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-06-16 05:17 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى 22:29 دا، ئامېرىكا كاناۋېلار تۇمشۇقى ھاۋا ئارمىيە بازىسى 40-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش مۇرەككەپ تەنچىسىدە، SpaceX شىركىتىنىڭ قارچىغا 9-نومۇرلۇق راكېتاسى Eutelsat 117W B ۋە ABS 2A دىن ئىبارەت ئىككى سودا سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ يەنە بىر قېتىم بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى.

قويۇپ بېرىلىپ 2 مىنۇت 26 سېكۇنتتىن كېيىن، قارچىغا 9-نومۇرلۇق بىرىنچى دەرىجىلىك راكېتا تاقالدى، 2 مىنۇت 39 مىنۇتتا، بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك راكېتا ئايرىلدى، ئارقىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك راكېتا يەرشارىغا قايتىشقا باشلىدى.

ئەڭ ئاخىرىدا، بىرىنچى دەرىجىلىك راكېتا دېڭىزدىكى قايتۇرۇۋېلىش سۇپىسىغا قونۇشقا باشلىدى، لېكىن، قايتىش جەريانى ئانچە مۇقىم بولمىدى، راكېتا قونۇشتا قىسمەن سىلكىنىش ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، زور مىقداردىكى ئوت يالقۇنى ۋە قويۇق ئىس بىلەن قاپلىنىپ كەتتى.

SpaceX ئاخىرىدا مۇنداق جاكارلىدى: ئاساسلىق ۋەزىپە سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا يەتكۈزۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بىراق تارماق ۋەزىپە راكېتانى قايتۇرۇۋېلىش مەغلۇپ بولدى.

مەغلۇپ بولۇش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بەزى قىياسلاردا، راكېتا موتورى ۋاقتىدا ئۆچمىگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالدى.

ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا، SpaceX بىرىنچى دەرىجىلىك راكېتانى دېڭىز ئۈستىدە قايتۇرۇۋېلىش سىنىقىدا ئۈچىنچى قېتىم غەلىبە قىلغان ئىدى، لېكىن ياخشى ۋەزىيەت ئاخىرىغىچە داۋاملاشمىدى.

قارچىغا 9-نومۇر قويۇپ بېرىلىپ 30 مىنۇت 29 سېكۇنتتىن كېيىن، EUTELSAT 117 West B سۈنئىي ھەمراھىنىڭ جايلىشىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، 35 مىنۇت 29 سېكۇنتتىن كېيىن، ABS 2A سۈنئىي ھەمراھىنىڭ جايلىشىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن ئىككى سۈنئىي ھەمراھ يەرشارى بىلەن ماس قەدەمدە ئايلىنىدىغان ئوربىتا (GTO) غا توشۇلغان بولۇپ، SpaceX نىڭ يۇقىرى بوشلۇققا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن مۇقىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号