باش بەت

رۈيا

853يوللانما
1مەستانە

ئەر 60 كىلوگرام «ئايروبومبا» سېتىۋېلىپ تۆمۈر-تەسەك قاتارىدا ئۆيىدە ساقلىدى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-06-20 14:29 0 ئىنكاس چۈشتى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى خۇاڭشى 20-ئىيۇن تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇن، خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭشى شەھىرىدىكى مەلۇم بىر پارتلىتىش شىركىتىنىڭ ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، خۇاڭشى ساقچى تەرەپ ئېغىرلىقى 60 كىلوگرام كېلىدىغان بىر ئايروبومبىسىنى بىخەتەر ھالدا يوقاتقان.

  ئىگىلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ، خۇاڭشى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۆز تەۋەسىدە، ئاھالىلەرگە كىرىپ قالغان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. 6- ئاينىڭ 19-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى سىكې مەھەللىسىدىكى لى ⅩⅩ نىڭ ئۆيىگە كىرىپ تەكشۈرۈش قىلغاندا، بىر دانە بومبىغا ئوخشاپ كېتىدىغان « كاللەك تۆمۈر » نى بايقىغان. 

  خۇاڭشى شەھىرى مەلۇم پارتلىتىش شىركىتىدىكى مۇتەخەسىسىسلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، بۇ « كاللەك تۆمۈر » نىڭ بىر دانە بومبا ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. بومبىنىڭ داتلاشماس دەرىجىسىگە ئاساسەن مۇتەخەسىسلەر مۆلچەرلەپ، ئۇنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە قېپقالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۆلچەش ئارقىلىق، بۇ بومبىنىڭ  ئۇزۇنلىقىنىڭ تەخمىنەن 64 سانتىمىتىر، ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن 60 كىلوگىرام، ئوتتۇرا دىئامېتىرىنىڭ تەخمىنەن 25 سانتىمىتىر، ئىككى دىيامېتىرىنىڭ تەخمىنەن 18 سانتىمىتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

  54 ياشلىق لى ⅩⅩ نىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ بومبىنى ئۇ بىر تاش قېزىش مەيدانىدىكى خەلق ئىشچىسىنىڭ قولىدىن تەخمىنەن 80 يۈەن خەلق پۇلىغا ئالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پەقەت بىر كاللەك تۆمۈر تەسەك قاتارىدا سېتىپ پۇل قىلماقچى بولغان، لېكىن كېرەكسىز تۆمۈرنىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنى بىر قەدەر تۆۋەن دەپ ئويلاپ، تاكى ساقچىلار بايقىغانغا قەدەر ئىزچىل ئۆيىدە ساقلىغان. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号