باش بەت

bahar031

276يوللانما
1مەستانە

ئاتىلار بايرىمى ھارپىسىدا بىر ئەر ئۆلۈۋالماقچى بولدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-06-20 17:41 0 ئىنكاس چۈشتى

   18-ئىيۇن، ئاتىلار بايرىمى ھارپىسىدا، دايېدىكى شەھىرىدىكى ئىككى بالىسى بار بىر ئەر ئېسىلىپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان، بەخىتكە يارىشا بۇ ئەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىرلەردە، دايې شەھىرى لەنۋېي گاڭۋەن ئولتۇراق رايونىدىكى مەنزىرە بەلبېغىدا بىر ئەرنىڭ چىملىقتا ياتقانلىقىنى، ئەرنىڭ سول قولىنىڭ بېغىشىنىڭ ئاستىدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ ۋە پۇتىنىڭ ئاستىدىكى كىچىك چىغىر يولنىڭ قانغا بويىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئەرنىڭ ئوڭ قولىنىڭ بېغىشىدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن شەھەر ئاھالىسى كەينى-كەينىدىن دېلو مەلۇم قىلغان.

  دۇڭفېڭ يولى ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ ئەرنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشقان. 19-ئىيۇن خۇاڭشى ئەيكاڭ  دوختۇرخانىسىنىڭ 6-قەۋىتىدىكى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ بالنېسىت ئۆيىدە مۇخبىر بۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇنىڭ ئىككى قولى ۋە بىلىكىنىڭ كۆپ يېرى داكا بىلەن تېڭىقلىق بولۇپ، ناھايىتى روھسىز كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەينى چاغدا بەزى ئىشلار كاللىسىدىن ئۆتمەي ئۆلۈۋالماقچى بولغان. ئۇ بەزى ئىنچىكە تەپسىلاتلار ئۈستىدە توختىلىشنى خالىمىغان. كېيىن مۇخبىر بىلەن داۋاملىق پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئىككى بالىسى بارلىقىنى، بالىلارنىڭ خېلى ۋاپادار ئىكەنلىكىنى، بۇ يىل 40 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، تېخى خىزمەت تاپالمىغانلىقىنى، پۇلمۇ يىغالمىغانلىقىنى، شۇڭا بالىلىرىغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ ئۆلۈۋالماقچى بولغانلىقىنى ئېيىتقان. ئەتراپتىكى بىمارلار ئۇنىڭغا نەسھەت قىلغاندىن كېيىن ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ ئىككى كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ خىزمەت ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号