باش بەت

جاھانكەزدى

14469يوللانما
17مەستانە

ئۇلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردە غەمخورلۇق ۋە ياردەمگە ئېرىشتى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-06-21 15:41 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنجاڭ رادىيو تورى خەۋىرى:

مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى مەيلى خىزمەت جەھەتتە بولسۇن ياكى تۇرمۇش جەھەتتە بولسۇن، جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتى. بۇ يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر-ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. كۆپچىلىك بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ۋە تۇرمۇش داۋامىدا ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىپ، مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە ئۆسۈپ-يېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نۇرگۈل غوپۇر گۇاڭجۇغا بېرىپ تەربىيەلەشكە قاتناشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى كۇرسانت بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشقانىدى. ئۇ گۇاڭجۇدىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش جەريانىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بىزنى باشلاپ بارغان يېتەكچى ۋە شۇ جايدىكى مەكتەپ ئۆزئارا دوستلىشىش شەكلى ئارقىلىق، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ مۇھىتىغا ماسلىشىپ كەتتۇق. بىرلىكتە بارغان كۇرسانتلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىپ، ئۇنىۋېرسال ساپايىمىزنى يۇقىرى كۆتۈردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن ئەلا نەتىجە يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردىمىگە جاۋاپ قايتۇرىمىز.

قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى 2011-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە، 5 تۈركۈم بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 285 نەپەر ئوقۇغۇچىنى گۇاڭجۇدىكى 4 ئالىي مەكتەپتە ئىككى يىللىق تەربىيەلەشكە ئورۇنلاشتۇردى. ئىككى يىللىق ئۆگىنىش ئارقىلىق، كۇرسانتلار نۇرغۇن دوست تۇتتى. ياشلار ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئۇرۇق تۇغقانلاردەك بولۇپ كەتتى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كۇرسانتلارنىڭ ياردىمىدە نۇرگۈل غوپۇرنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيەسى تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ھەدىسىلا ئۆيدىكىلەرگە تېلېفون بېرىپ ھال ئېيتىدىغان قىزچاقتىن ئۆزى مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغان يېتەكچى كادىرغا ئايلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا، ئۆيدىكىلەر بىزنى قوللىدى. بىزمۇ ئۇلار بىلەن ھەر كۈنى تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ تۇردۇق. ئۇلارمۇ بىزدىن خاتىرجەم بولدى.

ئابلىمىت ئابدۇۋاھىد خوتەن شەھىرىدىكى ئىتتىپاق مەيدانىغا يېقىن جايدا قاشتېشى دۇكىنى ئاچاتتى. ئۇ ھەر يىلى دېگۈدەك ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، قاشتېشى بويۇملىرىنى ساتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارغاندا، جايلاردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلدۇق. كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەم بەرگەندىلا، تىجارەت ياخشى بولىدۇ.

ئالتاي ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ياشلار ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يىن رۇڭ ئۆزىنىڭ 2008-يىلدىن باشلاپ، چىڭدۇ، خاربىن قاتارلىق جايلارغا ئۆگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇشقا بارغانلىقى ھەمدە خېيلوڭجياڭ، جىلىن ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان يازلىق لاگىر پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ يىل 4-ئايدا يىن رۇڭ يەنە شەرقىي شىمالدىكى 3 ئۆلكىدىكى 15 ئالىي مەكتەپگە بېرىپ، مۇنەۋۋەر پىدائىيلار سەييارە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي رايونى پىلانىنى تونۇشتۇردى. يىن رۇڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىزمەت جەريانىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن جايلاردىكى ئاممىنىڭ بىزگە بولغان قىزغىن مۇئامىلىسىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق. ئىككىنچىدىن، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق، شۇ جايلارنىڭ بىر قىسىم ياخشى خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئىگىلىدۇق. ئۆگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، زامانىمىز ياشلىرىنىڭ باشقا جايلارنىڭ ياخشى خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ، گۈزەل ئالتاي قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.


مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2016-06/21/content_529312.htm



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号