باش بەت

تۇرغۇنجان ئەرشىدىن

569يوللانما
1مەستانە

مىكروسوفت دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار «پاشا تۇتۇش ئۈسكۈنىسى» ياساپ چىقتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-06-22 15:55 0 ئىنكاس چۈشتى

ياز كەلدى، ھەرخىل ھەر ياڭزا پاشا قوغلىغۇچ، پاشا تۇتۇش ئۈسكۈنىسى بازارغا چىقىشقا باشلىدى. ھالبۇكى، مىكروسوفت تەتقىقات باغچىسى (Microsoft Research) ئۆزلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك پاشا تۇتۇش ئۈسكۈنىسى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى، مەزكۇر ئۈسكۈنە «پاشا تۇتۇش ئۈسكۈنىسى ساھەسىدىكى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يېڭىلىق» دەپ ئاتالدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر پاشا تۇتۇش قورالى مىكروسوفت تەتقىقات باغچىسى «Project Premonition» تۈرىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، ئىلغار تېخنىكا قوللىنىپ، پاشىنىڭ كېسەل تارقىتىشىدىن مۇداپىئەلىنىش مەقسەت قىلىنغان. نىسبەتەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېرى شۇكى، بۇ ئۈسكۈنە پاشا ۋە باشقا ئۇچار ھاشاراتلارنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن، ھەمدە پەقەت پاشىنىلا تۇتىدىكەن.

مەزكۇر ئۈسكۈنىنىڭ ئىچكى قىسىمىغا ئىككى دانە مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارى بار ئىكەن، يەنە پاشا تۇتقان ۋاقىتتىكى تېمپېراتۇرا، شامال كۈچى ۋە نەملىك دەرىجىسىنى خاتىرىلەپ ماڭىدىكەن ھەمدە كۆك چىش ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى بۇلۇت سۇپىسىغا يوللاپ بېرىدىكەن.

سىن ئادرېسى:


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号