باش بەت

گۈلنۇر

78يوللانما
0مەستانە

كەلگۈسى 20 يىلدا توكلۇق ئاپتوموبىل ئامېرىكىنىڭ بېنزىن ئېھتىياجىنى %20 تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-02 10:44 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خەلقئارا ئېنېرگىيە مەسلىھەت بېرىش شىركىتى Wood Mackenzie ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسى 20 يىلدا توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ گۈللىنىشى سەۋەبلىك، ئامېرىكىنىڭ بېنزىن ئېھتىياج مىقدارى %5 تۆۋەنلەيدىكەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا ھەتتا %20 تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن.

Wood Mackenzieنىڭ تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ھەر كۈنلۈك بېنزىن ئىستېمال مىقدارى 9 مىليون باكدىن ئاشىدىكەن، ئەگەر 2035-يىلىغا بارغاندا توكلۇق ئاپتوموبىل ئامېرىكا ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ %35دىن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىسە، ۋاقتى كەلگەندە ئامېرىكىنىڭ كۈندىلىك بېنزىن ئىستېمال مىقدارى ئىككى مىليون باك ئازلىشى مۇمكىن.

Wood Mackenzieنىڭ دوكلاتىنى يازغۇچى پراجىت گوس (Prajit Ghosh)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق ئەھۋال ھەم تېسلا ھەمدە باشقا ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرىنىڭ تۆۋەن تەننەرختىكى توكلۇق ئاپتوموبىل چىقىرىشقا باشلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، تۆۋەن تەننەرختىكى بۇ توكلۇق ئاپتوموبىللار نىسبەتەن قىسقا ۋاقىت توك قاچىلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ يىراق مۇساپىنى باسالايدۇ. پراجىت گوسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئەھۋال بولسا 2035-يىلغا بارغاندا ئەگەر توكلۇق ئاپتوموبىللار ئامېرىكا ئاپتوموبىل بازىرىدا %10نى ئىگىلىسە، ئۇنداقتا ۋاقتى كەلگەندە ئامېرىكىنىڭ دىزېل ئېھتىياج مىقدارى ھازىرقىغا قارىغاندا %5 تۆۋەنلەيدىكەن.

Wood Mackenzieنىڭ دوكلاتى توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا سىڭىپ كىرىش كېلەچىكىگە تېخىمۇ ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولۇپ، مەزكۇر دوكلات كەلگۈسىدىكى توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ئامېرىكىدا سىڭىپ كىرىش سۈرئىتى كۆپلىگەن ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ مۆلچەرلىگەن نەتىجىسىدىن كۆپ ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئەلۋەتتە، بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل كەسپىي مۇتەخەسسىسلىرى توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ تەرەققىيات كەلگۈسى ھەققىدە يەنىلا مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى تەرغىپ قىلماقتا. ئەنگلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى سپېنسېر دالې (Spencer Dale) ئالتىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىدا خيۇستوندا بىلدۈرۈشىچە، گەرچە توكلۇق ئاپتوموبىل تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىچىدىن يانىدىغان دېۋگاتېل بىلەن توكلۇق دېۋگاتىلنى سېلىشتۇرغاندا يەنىلا نىسبەتەن زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، شۇڭا توكلۇق ئاپتوموبىل كەلگۈسى 20 يىلدا بازارغا كەڭ سىڭىپ كىرىشى ناھايىتى تەس ئىكەن. ئەمما دالېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ كەڭ كۆلەمدە بازارغا سىڭىپ كىرىشىدە يەنە بىر مەزگىل كېرەك. بىراق، توكلۇق ئاپتوموبىل ھامان بىر كۈنى ئومۇملىشىدۇ، ھازىر پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى» ئىكەن.

ئەمەلىيەتتە، يېقىلغۇ باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ھەمدە باتارېيەسىنىڭ يېتىش ۋاقتىنىڭ نىسبەتەن قىسقا بولۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ زەربىسى سەۋەبلىك، توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ بازارغا سىڭىپ كىرىش سۈرئىتى ئىلگىرىكى بىر قىسىم مۆلچەرلەردىن تۆۋەن بولدى. بىراق، ياۋروپا ۋە جۇڭگو قاتارلىق رايونلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق مۇھىت ئاسراش سىياسىتى چىقارغانلىقى سەۋەبلىك، ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى توكلۇق ئاپتوموبىل ياساشقا مەجبۇر بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇڭا كەلگۈسى نەچچە يىلدا بازاردا ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك توكلۇق ئاپتوموبىل پەيدا بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئامېرىكا بازىرىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىلا ناھايىتى ئاجىز. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئامېرىكا ئاپتوموبىل ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىلا %1كە يەتمىگەن، بىراق بۇرۇنقىغا قارىغاندا سەل يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. تېسلا بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ كۆپ باتارېيە مودىلى سەپلەنگەن توكلۇق ئاپتوموبىل چىقىرىپ، باتارېيەسىنىڭ توكى يېتىش ۋاقتىنى ئاشۇرۇپ، توكلۇق ئاپتوموبىللارنى بىر قېتىم توك قاچىلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى قارار قىلدى، بۇ ھەم رىقابەتچىلىرىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆزلىرىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنى تېخىمۇ ياخشى لايىھەلىشىگە تۈرتكە بولدى.

نىسسان، كورىيە خۇنداي، ۋولكسۋاگېن ھەمدە باشقا ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل كارخانىلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنىڭ يىراق مۇساپىنى باسالايدىغان توكلۇق ئاپتوموبىلىنى تەتقىق قىلماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، فورد ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭمۇ دېيىشىچە، كەلگۈسى 4 يىل ئىچىدە 4 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، 12 خىل يېڭى توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك ئاپتوموبىل تەتقىق قىلىپ چىقىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ۋولۋو شىركىتىمۇ 2025-يىلدىن ئىلگىرى بىر مىليون دانە توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى.

Wood Mackenzieنىڭ دوكلاتىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسى نەچچە يىلدا بىر قىسىم يېڭى نۇسخىدىكى تۆۋەن باھالىق توكلۇق ئاپتوموبىللارمۇ ناھايىتى تېزلا بازاردا پەيدا بولىدىكەن. مەسىلەن، ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى ياسىغان يېڭى بىر ئەۋلاد توكلۇق ئاپتوموبىل «Chevrolet Bolt» بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا بازارغا سېلىنىدۇ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ باجدىن كېيىنكى باھاسى پەقەت 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى.

Wood Mackenzieنىڭ دوكلاتىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر توكلۇق ئاپتوموبىل ئامېرىكا بازىرىدا بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە بولسا، بۇ يېقىلغۇ ماي شىركەتلىرىگە نىسبەتەن يامان ئىش بولۇشى ناتايىن ئىكەن. گەرچە بېنزىن ئېھتىياج مىقدارى ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما تەبىئىي گاز مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى ئېلېكتر شىركەتلىرى تېخىمۇ كۆپ توك تارقىتىشى كېرەك، بارغانسېرى كۆپلىگەن ھالدا تەبىئىي گازدا توك چىقىرىدىغان ئېلېكتر ئىستانسىسىغا تايىنىدۇ، شۇڭا تەبىئىي گاز ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بايلىقىغا بولغان ئېھتىياج مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号