باش بەت

Ruya

78يوللانما
0مەستانە

چېڭ لۇڭ بىر مىلياردلىق مال-بىساتىدىن ئۆز قىزىغا بىر تىيىنمۇ قالدۇرمىدى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-03 00:01 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى باش تېما خەۋىرى:

    چېڭ لۇڭنى تاماشا چەمبىركىدە تىلغا ئالسا بىلمەيدىغان كىشى يوق، ئۇ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيانقى نەچچە ئوي يىل جەريانىدا ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە ئىقتىدارى ئارقىلىق تاماشا چەمبىركىدە ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تاماشىبىنلارغا نۇرغۇنلىغان ئېسىل سەنئەت ئەسەرلىرىنى بېغىشلىدى ھەم ئۆزىنىڭ ئىنسانىي سېھرىي كۈچى بىلەن كۆپلىگەن مەستانىلىرىنى تەسىرلەندۈردى. 

    «چېڭ لۇڭ ئاكا» دېگەن بۇ ئاتالغۇ دەسلەپكى يوق ئىدى. ھەتتا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇرۇن جياڭ زېمىننىڭ بىر جۈملە «چېڭ لۇڭ ئاكا» دېگەن سۆزى بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ تاماشا چەمبىركىدىكى چوڭ ئاكىلىق ئورنى يوق ئىدى. بۇنى بىر قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى چوڭ يىغىنىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئەينى چاغدا جياڭ زېمىن ئۆزى بۇ تاماشا چەمبىركىگە سانسىز شان-شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلگەن چېڭ لۇڭنى كۈتىۋالغان ئىدى ھەمدە ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ چاقچاق قىلىپ «چېڭ لۇڭ ئاكا» دېدى. بۇ سۆز ئېغىزىدىن چىقىشى بىلەنلا ھەش-پەش دېگۈچە تاماشا چەمبىركىنى بىر ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، «چېڭ لۇڭ ئاكا» دېگەن بۇ نام چېڭ لۇڭنىڭ تاماشا چەمبىركىدىكى ھۆرمەت ئاتالغۇسى بولۇپ قالدى. 

    شۇنچە يىللاردىن بېرى، ئۇ بىر پاكار قىياپىتىدىن تەرەققىي قىلىپ ھوللىۋودقا باردى. بىزنى تېخىمۇ پەخىرلىنىدىغان ئىشى بولسا ئۇ تاماشا چەمبىركىدىكى ھەتتا ھوللىۋودتىكى سانسىزلىغان بىردىنبىرلەرنى ياراتتى. بىز بۇنىڭدىن ئىختىيارسىز تەسىرلىنىمىز ھەم قايىل بولۇشقا مەجبۇرمىز.

ئۇ ئەزەلدىن سىياقداش ئارتىس ئىشلەتمەيدىغان بىردىنبىر خەلقئارالىق ھەرىكەت كىنو چولپىنى؛ 

ئۇ بىردىنبىر ئىسمى ئامېرىكىنىڭ مەلۇم بىر كۈننىڭ بايرام ئىسمى قىلىپ بېكىتىلگەن ھەرىكەت كىنو چولپىنى؛

ئۇ بىردىنبىر بۈيۈك برېتانىيە ئىمپېرىيەسى ئوردېن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەرىكەت كىنو چولپىنى؛ 

ئۇ بىردىنبىر ئۇدا 31 يىل ئوخشاش بولمىغان دۇنيا شان-شەرىپىگە ئېرىشكەن ھەرىكەت كىنو چولپىنى؛

ئۇ بىردىنبىر ئاسىيا كىنو بېلەت كىرىمى ئەڭ كۆپ ھەرىكەت كىنو چولپىنى.

ئۇنىڭ ئىسمى چېڭ لۇڭ! 

    چېڭ لۇڭ بۇ كەسىپكە قەدەم قويغاندىن بۇيانقى بىر قانچە ئون يىل ئىچىدە بېلەت كىرىمى زىيادە بولغان نۇرغۇن كىنولارنى سۈرەتكە ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ سېتىۋالغان ئۆي-زېمىنلىرىنىڭ باھاسى كۈنسېرى ئۆرلىمەكتە. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پۈتۈن مال-بىساتىنىڭ قىممىتى زادى قانچىلىك؟ شياڭگاڭ تاراتقۇلىرى چېڭ لۇڭنىڭ مۈلكىنىڭ ئىككى مىلياردىن ئاشىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا خەۋەر قىلغان ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چېڭ لۇڭ ئاللىقاچان ۋەسىيەتنامە يېزىپ مال-دۇنياسىنىڭ يېرىمىنى «چېڭ لۇڭ خەيرىيەت ئىشلىرى فوندى جەمئىيىتى»گە ئىئانە قىلغان بولۇپ، قالغان يېرىمىنى ئايالى لىن فېڭجياۋ بىلەن ئوغلى فاڭ زۇمىڭغا تەڭ بۆلۈپ بەرگەن. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئۇنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان قىزى ۋۇ جولىن بىر پۇڭغىمۇ ئېرىشەلمىدى.

    چېڭ لۇڭ بۇرۇن مۇنداق دېگەن: «ئەگەر زۇمىڭ يۇۋاشراق بولسا مال-مۈلكۈمدىن ئۇنىڭغا كۆپرەك بۆلۈپ بىرىمەن، يۇۋاش بولمىسا 90 پىرسەنتىنى ساۋابلىق ئىشلارغا ئىئانە قىلىۋېتىمەن». باشقىچە ئېيتقاندا، ئەگەر فاڭ زۇمىڭ يۇۋاش بالا بولسا چېڭ لۇڭنىڭ خەيرلىك ئىشلارنى قىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ يۈز مىليونلىغان «نۇر ھالقىسى» بار بايۋەچچە بەگزادە ھەقىقەتەنمۇ بەك گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا ئىدى، مۇھەببەت تارىخى شاللاق بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى زەھەر چېكىپ تۇتۇلۇپمۇ قالدى. 

    چېڭ لۇڭ ئۆزىنىڭ مىراس پىلانىنى دېگەن چاغدا، ئىلگىرى ئۇنىڭغا قىز تۇغۇپ بەرگەن ۋۇ چىلىنى تامامەن تىلغا ئالمىدى. روشەنكى، بۇ كىچىك قىزچاق چېڭ لۇڭنىڭ مىراس بۆلۈش پىلانى ئىچىدە يوق. ئىگىلىنىشىچە، 8 يىل ئىلگىرى ۋۇ چىلى مەخپىي ھالدا ئىچكىرىدىن شياڭگاڭغا بېرىپ مەقسەتلىك ھالدا قىزىنى كىچىكىدىن باشلاپ دادىسىنىڭ فامىلىسىگە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق چېڭ لۇڭ رەت قىلىۋەتتى. چېڭ لۇڭ خەيرى-ساخاۋەتنى پۈتۈن دۇنياغا تارقاتقان بولسىمۇ لېكىن ئۆز پۇشتىدىن بولغان قىزىنى ئېتىراپ قىلمىدى ھەم دېرىكىنى قىلىپمۇ قويمىدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدا زادى نېمە سەۋەب بار؟ نۇرغۇن تورداشلار مۇنداق دەپ قارىدى: چېڭ لۇڭنىڭ چوقۇم تىل قىسىنچىلىقى بار بولۇشى مۇمكىن. 

    لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ بۇ قىزىنى ياخشى كۆرمەيدۇ ئەمەس، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ بالىغا قانچىلىك قەرزدار ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ. لېكىن ئۇ تۇغۇلۇشقا تېگىشلىك بولمىغان بۇ ھاياتقا قانداق يۈزلىنىشىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۆيى بار، ئۆزىنىڭ ئوغلىمۇ بار، ئەگەر ئەينى چاغدا مەست بولۇپ قالمىغان بولسا بۇ ھاياتلىق ھەرگىز دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بولاتتى. 

ئېسىمدە قېلىشىچە، «ساقچىنىڭ ھىكايىسى 3»دە جىڭ تيەن بىلەن چېڭ لۇڭ ئاتا بالا رولىنى ئورۇنلايدۇ. بۇ فىلىمنىڭ بىر بۆلىكى ئاكتيوردىن ھېسسىياتقا باي بولۇشنى ھەم تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ بۆلەك دەل قىزى بىلەن ساقچى ئاتىسىنىڭ ھەقىقىي مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى بولۇپ، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا جىڭ تىيەن بىلەن چېڭ لۇڭ ئاكا ئىككىلىسى بۇ بۆلەكنى تىلغا ئالدى.  

    جىڭ تىيەن مۇنداق دېدى: «چېڭ لۇڭ ئاكا بولسا بىر كەسىپنى قەدىرلەيدىغان ئارتىس بولۇپ، مەن ئاخىرى نېمە ئۈچۈن تاماشا چەمبىركىدىكى ھەممە چولپانلارنىڭ ئۇنى ئاكا دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلدىم. دەل بۇ فىلىمدە مەن غۇلغۇلا كەيپىيات پەيدا قىلىشقا تىرىشىۋاتاتتىم ھەمدە ئامال قىلىپ كۆزۈمگە ياش ئېلىپ تېلېۋىزور ئالدىدىكى تاماشىبىنلىرغا شۇ ۋاقىتتىكى ھېسىياتىمنى ئىپادىلىمەكچى ئىدىم، ئارقىمغا ئۆرۈلۈپ قارىسام  چېڭ لۇڭ ئاكىنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەي كۆز يېشى قىلىۋاتقىننى كۆردۈم. ئۇ بۇلۇڭدا يوشۇرۇنچە يېشىنى ئېيتىپ ئولتۇراتتى، مېنى كۆرۈپلا دەرھال كۈلۈپ مېڭىپ كەلدى. ھەش-پەش دېگۈچە، مەن چېڭ لۇڭ ئاكىنىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم». 

ئەمەلىيەتتە، جامائەت ئەربابى بولۇش سۈپىتىدە چېڭ لۇڭنىڭ بۇ بالىنى ئېتىراپ قىلماسلىقىدا بىر سەۋەب ۋە ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار. 

    بىرىنچىدىن، چېڭ لۇڭ ۋۇ چىلى بىلەن بولغان ھېسسىياتىنى ۋە بۇ كىچىك قىزىنىمۇ ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇ ۋۇ چىلى بىلەن بولغان نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، گەرچە  ئېتىراپ قىلسىمۇ ئەمما بۇ ئانا تۈپەيلى ئۇ ئۆز قىزىغا قانداق يۈزلىنىشىنى بىلمەي قالغان ئىدى. چېڭ لۇڭ بۇ ئىشنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ داغ ھېساپلىنىدىغانلىقىغا ئىقرار، ئەگەر راستىنلا ئۇنىڭدىن «كىچىك قىزچاق» نىڭ مەسىلىسىنى سورىسا ئۇ جاۋاب بېرىشنىمۇ خالىمايدۇ، چۈنكى ھەرقانداق گەپ باشقىلارنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. چېڭ لۇڭ شۇ يىلى ياش تۆكۈپ تۇرۇپ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بۇ يۈرەك سۆزلىرىنى  ئېيتتى ھەمدە شۇ سەۋەبلىك ئۆز قىزى بىلەن كارى بولماي، ئىزچىل يۈز كۆرۈشمىگەنلىكىنى دېدى. بۇ ئىش تۈپەيلى نۇرغۇن ئادەملەر بۇ ئاتىنىڭ ئامالسىز قالغانلىقىنى، ياخشى كۆرگەن بالىسىنى كۆرەلمەي ئازاپتا يۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

ئىككىنچىدىن، چېڭ لۇڭ بىر خەلقئارالىق گۇمپا چولپىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتكۈل خەلقئارادا ئۆزىنىڭ نامىنى بار، ئەگەر ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىن بولۇپ كەتسە، مۇقەررەر ھالدا كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدىكى ئىجابىي ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چېڭ لۇڭ بىر بالىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم، فاڭ زۇمىڭغا قارىسىڭىزلا ئۇنىڭ بالىغا قانچىلىك ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر چېڭ لۇڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان قىزى بىلەن بىر يەرگە جەم بولسا، ئېنىقكى يۈزلىنىشنى خالىمايدىغان ۋۇ چىلىغا يۈزلىنىدۇ، شۇڭا چېڭ لۇڭنىڭ كۆڭلى يەنىلا خاتىرجەم بولالمايدۇ. بۇ يەردە ۋۇ چىلىغا دەل «ئۆزىنى ئۆزى بەند قىلماق» دېگەن سۆز ماس كېلىدۇ. بۇ ئايال يامان غەرەز بىلەن باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزماقچى بولغان، ئەمما ئۆزى بۇنداق ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالدى. 

بىر تاماشا ساھەسىدىكى داڭلىق جامائەت ئەربابى دېمەي تۇرايلى، ئەگەر بۇ ئىش بىر ئاددى ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن بولسا، بۇ خاتالىق ئەپۇ قىلىنىشى ناتايىن. چېڭ لۇڭنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيى، ئوغلى ۋە كەسپى بار، ئەگەر ئۇنىڭ ھازىرقى ئورنى يوق بولسا، ۋۇ چىلى بۇنداق جاھىللىق بىلەن چېڭ لۇڭنىڭ مەس بولۇپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇ بالىنى تۇغمىغان بولاتتى. ئادەمنى تېخىمۇ بەك قايىل قىلىدىغىنى بۇ ئايالنىڭ چېڭ لۇڭنى ئۈن-تىنسىز قوللاپ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى ئىزچىل توغرا چۈشىنىشى. ئەگەر چېڭ لۇڭ راستىنلا ئۇنى پىلانىغا كىرگۈزسە، باشقا كىشىلەر يەنە ھە دەپ سەرخىل پەرەزلەرنى قىلىپ توختىمايدۇ، ئۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇڭلاشقا، چېڭ لۇڭ بۇ بىردىنبىر تولۇقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلارنى تېشىدىكى دۇنيانىڭ زەربىسىدىن ساقلاپ قالدى ۋە بىكاردىن-بىكار كېلىپ چىقىدىغان ئاۋارىچىلىقتىن تىنىچ بولدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号