باش بەت

جاھانكەزدى

14374يوللانما
10مەستانە

دۆلەت تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن خەۋەر مەزمۇنىنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقاتماسلىقنى تەلەپ قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-05 12:49 0 ئىنكاس چۈشتى

دۆلەت تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن خەۋەر مەزمۇنىنى بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. توردىكى ساختا خەۋەرلەرگە يەنىمۇ زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دۆلەت تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى يېقىندا «ساختا خەۋەرلەرنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە تىزگىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، ھەرقايسى تور بېكەتلىرىنىڭ توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ ھەقىقىي، ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۈستىدە قارىغۇلارچە قوغلىشىشنى مەنئى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى قاتارلىق تور مۇنبىرىدىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ بىۋاسىتە ئاخبارات خەۋىرى قىلىپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى تور بېكەتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆچمە ئاخبارات ئابۇنىچىلىرى، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تور بېكەت مۇنبەرلىرىدە ماقالە بېرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىچكى جەھەتتىكى باشقۇرۇش ۋە نازارەت مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. تور بېكەتلەرنىڭ ئاخبارات مەنبەلىرىگە بەلگە بەرمەسلىكى ياكى ساختا بەلگە بېرىشى، ئەپقاچتى گەپلەرنى خەۋەر قىلىپ بېرىشى ياكى پەرىزىگە تايىنىپ ئەمەلىيەتنى بۇرمىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك تور ئۇچۇرى ئىشخانىلىرى تور مەزمۇنىنى باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ساختا، پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)


مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/155989/15600273.html

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号