باش بەت

ئادىل

5097يوللانما
0مەستانە

خاۋال H6 Coupe دېزىل ماتورلۇق نۇسخىسى بازارغا سېلىندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-07 21:13 0 ئىنكاس چۈشتى


ماشىنا ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ خاۋال ئورگان تورىدىن ئىگەللىشىچە، خاۋال H6 Coupe دېزىل ماتورلۇق ماشىنا تىپى رەسمىي بازارغا سېلىنغان بولۇپ، يېڭى ماشىنا جەمئىي ئالتە خىل ماشىنا تىپى تاللىشى تەمىنلىگەن، سېتىش باھاسى دائىرىسى 126 مىڭ 800 مىڭ يۈەندىن 163 مىڭ 800 مىڭ يۈەنگىچە.

بۇ قېتىم بازارغا سېلىنغان خاۋال H6 Coupe دىزېل ماتورلۇق نۇسخىسى سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە ئىچكى بېزىكىدە بېنزىن ماتورلۇق ماشىنا تىپىنىڭ لايىھەسىنى ساقلاپ قالغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوخشىماسلىق ئاساسلىقى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسىغا مەركەزلەشكەن، يېڭى ماشىنىغا بىر يۈرۈش دىزېل ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 163 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 350Nm، ھەرىكەت ئۇزىتىشتا ئالتە خوتلۇق قول خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرغان. ئىگەللىنىشىچە، بۇ دېزىل ماتورنى خاۋال ئۆزىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، دۆلەتلىك IV ۋە دۆلەتلىك V گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە توشقان، يۈز كىلومېتىرلىق ماي سەرپىياتى 6.5L، ماي سەرپىياتى ۋە ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى جەھەتتە ئوخشاش گاز چىقىرىش مىقدارىدىكى ماتورغا سېلىشتۇرغاندا ئەۋزەللىككە ئىگە.

سەپلىمىسى جەھەتتە، خاۋال H6 Coupe دېزىل ماتورلۇق نۇسخىغا ESP بوش 9-ئەۋلاد ماشىنا گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىستېمىسى، ئېلىكتىرلىك تورمۇز كۈچىنى تەقسىملەش سىستېمىسى، دۆڭدىن چۈشۈش ياردەمچى سىستېمىسى، دۆڭگە چىقىش ياردەمچى سىستېمىسى، تورمۇز جىددىي ياردەمچى سىستېمىسى، ئاپتوماتىك ماشىنا توختىتىش، ئېلىكترونلۇق تورمۇز قاتارلىق ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号