باش بەت

رازى

1625يوللانما
44مەستانە

بىپەرۋا دادا قىزىنى ئەركىلەتكەندە، قىزىنىڭ بېشى چۆرگىلەۋاتقان شامالدۇرغۇچقا تېگىپ كەتتى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-08 19:56 0 ئىنكاس چۈشتى

يېقىندا، جوڭشەن شەھىرىدە بىر بىپەرۋا دادا بەش ياشلىق قىزىنى ئەركىلىتىپ، ئۇنى ئېگىز كۆتۈرگەن، بۇ ۋاقىتتا دادا تورۇسقا ئېسىقلىق شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئېسىدىن چىقارغان، نەتىجىدە قىزنىڭ بېشى تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان شامالدۇرغۇچقا تېگىپ كېتىپ، مېڭىسى ئېچىلىپ قالغان. بەختكە يارىشا دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاچقا، نۆۋەتتە قىزنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.

قىزچاقنىڭ كېسىلىنى داۋالىغان دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شۇ كۈنى كەچ سائەت 9:00 دا، جوڭشەن شەھىرى شەرقىي رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئەر بېشى قانغا مىلەنگەن قىزىنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا كەلگەن. ئۇ ئەر قىزچاقنىڭ دادىسى بولۇپ، شۇ كۈنى كەچتە بىر ئائىلە كىشىلىرى سىرتتا تاماق يېگەن ئىكەن، دادىسى خۇشاللىقىدا بەش ياشلىق قىزىنى ئېگىز كۆتۈرگەن، ئويلىمىغان يەردىن قىزچاقنىڭ بېشى تورۇستىكى تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان شامالدۇرغۇچقا تېگىپ كەتكەن، نەق مەيدان قىپقىزىل قانغا بويالغان، قىزچاق دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش جەريانىدا قاتتىق يىغلىغان.

جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە قىزچاقنىڭ بېشىنى ئاددىيلا تاڭغاندىن كېيىن، بېشىنى CT ئاپپاراتىغا سېلىپ تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىزچاقتا ئوچۇق خاراكتېرلىك مېڭە زەخىملىنىش كۆرۈلگەن. دوختۇرخانىدىكى نېرۋا كېسەللىكلىرى تاشقى بۆلۈمى دوختۇرى چېڭ جاۋشىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا قىزچاقنىڭ باش قىسىمى بەش سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا يارىلانغان بولۇپ، چوڭقۇرراق كېسىلگەن جاينىڭ مېڭە سۆڭىكى ئۇۋۇلۇپ كەتكەن ئىكەن. شۇ كۈنى كەچتە، بالىنى پۈتۈن بەدەن ناركوز قىلىپ ئېچىلىپ قالغان مېڭە سۆڭىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، بەختكە يارىشا دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئېلىپ كېلىنگەن بولغاچقا بالا ھايات قالغان، نۆۋەتتە، قىزچاقنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ، دوختۇرخانىدىن چىققان. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئوپېراتسىيە بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولۇپ، كېيىن كېسەللىك ئاسارىتى كۆرۈلمەيدىكەن، قىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن.

كىچىك بالىلارنى ئەركىلەتكەندە ئاسانلا پاجىئە يۈز بېرىدۇ 

چېڭ جاۋشىڭ دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر ئائىلىلەردە ئاسما شامالدۇرغۇچ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىكەن، شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ شامالدۇرغۇچ تەرىپىدىن زەخىملىنىش ئەھۋالى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىكەن، ئالدىنقى يىللاردا بۇ خىل ئەھۋالدىن بىر قانچىنى ئۇچراتقان ئىكەن. ئەمما كىلىنىكىدا بولسا بالىلارنى ئەركىلىتىش جەريانىدا بالىلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى دائىم دېگۈدەك ئۇچرايدىكەن. 

مەسىلەن بەزى ئاتا ئانىلارنىڭ بالىسىغا بەك ئامراقلىقى كېلىپ ئۇنى ئەركىلەتكەن ۋاقىتتا، ئەگەر بالىنى تۇتالمىسىلا يەرگە يىقىلىپ، يارىلىنىدۇ. بەزى ئاتا ئانىلار بالىسىغا تاماق يېگۈزگەن ۋاقىتتا بالىنى ئەركىلەتسە، ئاسانلا غەيرىي نەرسە بالىنىڭ گېلىدا تۇرۇپ قالىدۇ. بەزى ئاتا ئانىلار بالىنى كۆتۈرۈپ چۆرگۈلەيدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلىنىش ھەتتا سۆڭەك سۇنۇش ئەھۋالى بولىدۇ. بەك كىچىك بالىلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ئەركىلىتىپ كۈلدۈرسە، ئاسانلا بوۋاقتا تۇنجۇقۇپ قېلىش، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، مېڭە زەخىملىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号