باش بەت

mahliya

1395يوللانما
1مەستانە

ئۇ ئىلگىرى ۋاڭ فېينىڭ داڭقىنى چىقارغان، لىن جىلىڭنى قارا تەشكىلاتنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرغان

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-07-08 22:48 0 ئىنكاس چۈشتى

 

    «تاماشا چەمبىرىكى»دە سالاھىيىتىگە قاراپ رەتكە تۇرغۇزۇشقا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەسىلەن ئادەتتە ئەر چولپانلارنىڭ ئەڭ ئالدى دېسە ھەممىمىز بىر ئوخشاش ئادەمنى ئېسىمىزگە ئالىمىز.

   ئەمىسە ئايال چولپانلارنىڭ ئەڭ ئالدى دېسە كىمنى ئېسىمىزگە ئالىمىز؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئەسلەيدىغان مېي يەنفاڭ؟

ياكى يوغان ئېغىزلىق چېن لەن؟

داڭلىق ياردەمچى خو ۋېنشى؟

بەلكىم ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكى بۇ ئايالغا يەتمەسلىكى مۇمكىن، مانە ئۇ ھەقىقىي پەردە ئارقىسىدىكى ئايال خوجايىن.

چيۇ لىكۇن، كىشىلەر ئۇنى «كۇەن ئاچا»دەپ چاقىرىشىدۇ، «تاماشا چەمبىرىكى» دىكى داڭلىق ۋاسىتىچى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى.

گەرچە ئاتاقتا چېن جيانىڭ ۋاڭ فېينىڭ ياردەمچىسى بولسىمۇ، لېكىن چېن جيايىڭنىڭ قاراڭغۇ يول ئارقا كۆرۈنۈشى بولمىغاچقا نۇرغۇن ئىشلاردا «كۇەن ئاچىنىڭ» ئالاقىسىغا تايىنىدۇ. ئادەتتە باشقىلارغا كۆرۈنىدىغان ئىشلارغا چېن جيايىڭ، ئىچكى ئىشلارغا «كۇەن ئاچا» ماڭىدۇ. ۋاڭ فېي ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى يالغۇز شياڭگاڭغا كەلگەندە «كۇەن ئاچا» ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ئۇنى «ناخشا ساھەسىدىكى خانىش» قا ئايلاندۇرغان.

ۋاڭ فېي بىلەن لى ياپېڭ ئاجرىشىپ كەتكەندە، پۈتۈن «تاماشا چەمبىرىكى» ھەيراق قالغان، ھەممىسى ئۇلار ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىپ تۇرۇپ ھەر ئىككىلىسىگە بەخت تىلىگەن.

لېكىن لى ياپېڭ  مىكرو بىلوگىدا«مەن بىر ئائىلىگە موھتاج، لېكىن سەن پەقەت مۆجىزىلا بولالايسەن» دېگەندە «كۇەن ئاچا» ئولتۇرالماي قالغان  ۋە مۇنداق دەپ خەت قايتۇرغان:«ئۇ سەن بىلەن توي قىلماستىلا بىر ‹مۆجىزە›ئىدى».

 

 ۋاڭ فېي بىلەن شيې تىڭفېڭ قايتىدىن تېپىشىۋالغاندا نۇرغۇن تورداشلار لى ياپېڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ۋاڭ فېي لى ياپېڭ بىلەن ئەزەلدىن ئەستايىدىل ئارىلىشىپ باقمىغان دېگەن. «كۇەن ئاچا»بۇنى كۆرۈپ يەنە چىدىماي مىكرو بىلوگىغا خەت يېزىپ ئاچچىقىنى چىقارغان.

مېنىڭمۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئاجرىشىپ كەتكىنىنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ!بۇنىڭدىن باشقا ۋاڭ فېي 2004- يىلى تەيۋەندە كونسېرت قىلماقچى بولغاندا، سەي يىلىن بىلەن بىر ئورۇن تالىشىپ قالغان، ئىككىسى بىر-بىرىگە يول بەرمىگەندە، «كۇەن ئاچا» چىقىپ ئىشنى توغرىلىغان. ئۇنىڭ ۋاڭ فېيغا ياردەم بېرىشىنى خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىش دەپ قارىساق، ئۇنىڭ تەيۋەندىكى1-مودېل لىن جىلىڭنىڭ لاسۋېگاستىكى قارا تەشكىلاتقا چېتىلىپ قالغان ئىشلىرىنى تۈزەپ بېرىشىنى ناھەقچىلىقنى كۆرگەندە چىداپ تۇرالمىدى دىيىشكە بولىدۇ.

ئامېرىكا خۇامېي كۆڭۈل ئېچىش شىركىتى 2005- يىلى 100مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن لىن جىلىڭنى لاسۋېگاستا ئويۇن قويۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، كىم بىلسۇن ئۇ بېرىشىغىلا چوقۇم «خوجايىنلار»غا ھەمراھ بولۇشى تەلەپ قىلغان، تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، ئۇنى تەكلىپ قىلغان تەرەپ ئۇنىڭغا ئۇ«ئايرىم پاراڭلىشىش»قا قوشۇلسىلا، ھەسسىلەپ ھەق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

لىن جىلىن بۇنى ئاڭلاپ يىغلاپ رەت قىلغان. پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان تەرەپ بۇنى كۆرۈپ شۇيەردىكى قارا تەشكىلاتلارنى تېپىپ ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتكەن. لىن جىلىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرۈپ جۇڭگودىكى چولپانلارنىڭ خوجايىنى بولغان چېن لەن ۋە چيۇ لىكۇندىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

«كۇەن ئاچا» تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئامېرىكىدىكى جۇڭگو قارا تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرىنى ئىزدىگەندىلا، خۇامېي شىركىتى لىن جىلىننى قويۇپ بەرگەن.

لىن جىلىڭ كېيىن تاراتقۇلارغا بۇ ئىشنى ئاشكارىلاپ «كۇەن ئاچا» مېنىڭ شەپقەتچىم، مېنىڭ قۇتقازغۇچۇم دېگەن.

 

ئۇ ئايال چولپانلارنىڭ خىزمەتتىكى ئىشلىرىغىلا ياردەم قىلىپ قالماستىن ، تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىغىمۇ ياردەم بېرىدىكەن.

ياشراق دوستلار ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇ چېن باۋليەن، ئۇ جوۋ شىڭچىنىڭ «دۆلەت ئىشلىگەن لىڭلىڭچى» فىلىمىدە 2- ئايال باش پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالغان.

چېن باۋليەن شۇنداق چىرايلىق بولسىمۇ، لېكىن مۇھەببەتتىن تەلىيى كەلمىگەن. ئۇ 2002-يىلى يېرىم ئايلىق بولغان ئوغلى خۇاڭيىنى بۇ دۇنيادا قالدۇرۇپ بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالغان. بۇ بالىنىڭ دادىسىنىڭ كىملىكى ھازىرغىچە بىر سىر. چېن باۋليەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغاندىن كېيىن، چيۇ لىكۇەن بۇ بالىنى بېقىۋېلىپ فامىلىسىنى چيۇغا ئۆزگەرتكەن. نەچچە يىللاردىن بېرى ئۇ بۇ بالىنى ئۆزىنىڭكىدەك كۆرۈپ بېقىۋېتىپتۇ.

ھازىر بالىمۇ چوڭ بولۇپ قاپتۇ، ئۇمۇ ئارام تېپىپ قالىدىغان بولدى دە!


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号