باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8742يوللانما
417مەستانە

ئايالىنىڭ ئاشىنسى بار دەپ گۇمانلانغان ئەر نەيزە ياساپ باشقىلارنى يارىلاندۇردى

مەنبە:ياشىن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-11 12:56 0 ئىنكاس چۈشتى

سانجى شەھىرى ماناس ناھىيەسىدىكى مىياۋ چىڭ دائىم ئايالىنىڭ سىرتتا ئاشنىسى بار دەپ ئويلاپ، ئايالىنى نازارەت قىلاتتى. بىر كۈنى ئۇ ئايالىنىڭ مەھەللىسىدىكى جۇ چىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن گۇمانلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جۇ چىڭنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى ياسىغان نەيزە بىلەن ئۇنى ئېغىر يارىلاندۇردى.

شىخەنزە شەھەرلىك مېدىتسىنا ئىنستىتۇتى بىرىنچى قارىمىقىدىكى دوختۇرخانا جۇ چىڭنى باش قىسمىنى 2-دەرىجىلىك يارىلانغان دەپ بېكىتتى.

ئەينى ۋاقىتتا، مىياۋ چىڭ روھىي كېسەل بىمارى بولغاچقا، كېسىلى قوزغالغان ۋاقىتتا جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ دەپ قارالغان. يېقىندا، ماناس ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قايتا قاراپ چىقىپ، مىياۋ چىڭنىڭ داۋاملىق ئادەم زەخمىلەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قانۇن بويىچە مەجبۇرىي داۋالاندۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشنى قارار قىلدى.

ئەسلىدە، مىياۋ چىڭنىڭ ئادەم زەخمىلەندۈرۈشى تۇنجى قېتىملىقى بولماستىن، ئىلگىرى ئۇ باشقىلار غەيۋىتىمنى قىلدى دەپ، شۇ كەنتتىكى كىشىلەرنى ئۇرۇپ-دۇمبالىغان. بىر قېتىم رەگەتكە ئارقىلىق لۇ فامىلىلىك ۋە جاڭ فامىلىلىك ئىككەيلەننى يارىلاندۇرىغان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号