باش بەت

ئادىل

5031يوللانما
1مەستانە

500 كىلوگرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرگەن ئەرنىڭ تومۇرى يېرىلىپ كېتىپ يەرگە يىقىلدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-12 13:00 0 ئىنكاس چۈشتى


ئەنگىلىيەلىك كۈچتۈڭگۈر 500 كىلوگرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ رېكورت ياراتتى، ئەمما مېڭە تومۇرى يېرىلىپ كېتىپ يەرگە يىقىلدى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيەلىك كۈچتۈڭگۈر، «ياۋايى مەخلۇق» دەپ لەقىمى بار ئەددى خول (Eddie Hall)، ئىلگىرى دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 500 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى شىتانكىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان رېكورتنى بۇزغان. ئەمما مۇسابىقىنى تاماملىغاندىن كېيىن خول تۇيۇقسىز مېڭەن قان تومۇرى يېرىلىپ كېتىپ، يەرگە يىقىلىپ، بەخىتكە يارىشا ئەڭ ئاخىرىدا ھېچقانداق توسالغۇ بولمىغان. 

مۇسابىقە ۋىدىيوسىدىن قارىغاندا، 28 ياشلىق خول ئېگىلىپ ئىككى قولى بىلەن شىتانكىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇۋەپپقىيەتلىك ھالدا 500 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى شىتانكىنى كۆتۈرۈپ، پۇتىنى رۇسلاپ يېرىم توننا ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈشنى تاماملىغان تۇنجى ئادەمگە ئايلانغان. بىراق يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن خول كېيىن تۇيۇقسىز بىر پۇتى بىلەن تىزلىنىپ، ئاستا-ئاستا يىقىلغان، مۇسابىقە خىزمەتچىلىرى دەرھال ئۇنىڭ قېشىغا بارغان. 



    خول ۋەقەدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئايلىنىپ كېتىپ بۇرنىدىن قان ئاققانلىقىنى ئېيىتقان، بۇ قېتىملىق كەچۈرمىش ئۇنىڭ ھاياتىنى ئالغىلى تاس قالغان. ئۇ باشقىلار ئۆزىنىڭ رېكورتىنى بۇزماي قالسىلا، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ قايتا بۇ خىل ئېغىرلىقنى كۆتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيىتقان.

    خولنىڭ بەدەن ئېگىزلىكى 1.90 مېتىر، ئېغىرلىقى 184 كىلوگىرام، ئۇ بىر قانچە ئاي ئىلگىرى 465 كىلوگرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ رېكورت ياراتقان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ يەنە بىر نىشانى «ئەڭ كۈچتۈڭگۈر ئەر» شەرىپىگە ئېرىشىش ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号