باش بەت

راخمان سايكىن

1235يوللانما
1مەستانە

ئەنگلىيەدىكى 445 كىلوگىراملىق ئەر ئوپېراتسىيە قىلىندى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-07-14 19:30 0 ئىنكاس چۈشتى

ئەنگلىيەدىكى 445 كىلوگىراملىق ئەر ئوپېراتسىيە قىلىندى

بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈنكىدەك كۈندە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش يېمەكلىك ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن سېمىزلىك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەتتا بەزى كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئەنگلىيەلىك ئەر مارتېن مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. ئەڭ ئېغىر ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 445 كىلوگىرامغا يەتكەن.

ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە ئارتىپ كەتكەچكە، ھېچقانداق ئىش قىلالمايدىكەن. پەقەت كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئالىدىكەن. ھەتتا ئۆرۈلىدىغان ۋاقىتتىمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىدىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا مارتېن ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلغان.

ئۇنىڭ X نۇرلۇق ئەسۋابتا تارتىلغان سۈرىتىمۇ كىشىنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى(BMI) قىممىتىمۇ 155 كە چىقىپ كەتكەن. نورمال ئادەملەرنىڭ بۇ سانى ئادەتتە 18.5-24 ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر مارتېن بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلەتمىسە، ئۇ بەلكىم ئىككى يىلمۇ ياشىيالماسلىقى مۇمكىن.

بۇ رەسىمگە قارىغاندا، مارتېننىڭ سۆڭەكلىرىمۇ غەيرىي ھالەتكە كېلىپ قالغان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى بولسا، ئۇنىڭ سۆڭىكى ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان قېلىن مايلارنى كۆتۈرەلمەي مۇشۇنداق شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن.

سېمىزلىك سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئومۇرتقىسىمۇ ئېگىلىپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن. بىر قارىماققا خۇددى ئوقيانىڭ كىرىچىغا ئوخشاپ قالاتتى. ئۇ مۇشۇ بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن پەقەتلا كارىۋاتتا ياشايدىغان بولغاچقا، ئۇ ئازراق مىدىرلىسىمۇ ھەر ۋاقىت ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.

مارتېن ئوپېراتسىيەدىن كېيىن 159 كىلوگىرام يېنىكلىگەن. لېكىن ئوپېراتسىيە تۈپەيلىدىن ئۆپكە قىسىمى ئېغىر ياللۇغلىنىپ قالغان. ئەگەر سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىمۇ يېمەك ئىچمەككە دىققەت قىلمايدىغان، ساغلام بولمىغان يېمەكلىك ئادىتى بار دوستلىرىڭىز بولسا ئۇلارنى ئەسكەرتىپ، ئېغىزىنى تىزگىنلەپ ساغلام يۈرۈشكە دەۋەت قىلىڭ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号