باش بەت

گۈل بەرگى

155يوللانما
0مەستانە

نىكاھ بۇزۇلۇشتىكى توققۇز بېشارەت

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-15 17:10 0 ئىنكاس چۈشتى

 
  ئامېرىكىلىق بىر نىكاھ ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى نىكاھ بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىدا كۆرۈلىدىغان توققۇز تۈرلۈك بېشارەتنى ئوتتۇرىغا قويغان. ناۋادا قايسىبىر ئەر ياكى خوتۇندا بۇ بېشارەتلەردىن تۆت تۈرلۈكى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەكى كۆرۈلسە، ئۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن :                           

      
   1. ئەر ياكى خوتۇن ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ھەددىدىن زىيادە دىققەت قىلسا. مەسىلەن، ئورۇقلاشنى ياخشى كۆرۈش، ھۆسن تۈزىتىش، ئۈنچە-مەرۋايىتقا ھەۋەس قىلىشقا ئوخشاشلار؛
   2. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىشلەر ئازلاپ كەتسە. بۇ ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھازىرقى نىكاھ مۇناسىۋىتىگە بىپەرۋا پوزىتسىيە تۇتقانلىقتىن دېرەك بېرىدىكەن؛

   3. ئائىلىدىكى مال-مۈلۈكنى «سېنىڭ-مېنىڭ» دەپ ئايرىسا ياكى ئۆز ئالدىغا ئايرىم پۇل ئىقتىساد قىلسا؛
   4. ئائىلىنىڭ مۇراسىم ئىشلىرىغا قىزىقماس بولۇپ قالسا. مەسىلەن، توي خاتىرە كۈنى ۋە تۇغۇلغان كۈنلىرىنى خاتىرىلەش، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئائىلە يىغىلىشلىرىغا قىزىقمىسا؛
   5. ئۆزئارا بىللە بولۇش ئازىيىپ، ئەل-ئاغىنە، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلىسا؛
   6. تۇيۇقسىزلا خىزمەتكە بېرىلىپ كەتكەن بولۇۋېلىپ، ئائىلىدىكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكلىرىدىن قاچسا؛

   7. ئەر-خوتۇن ئىككىسى كوللېكتىپ سورۇنلارغا بىللە بېرىشتىن ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىنى قاچۇرسا؛
   8. تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئائىلىدىكى ۋاقتىنى ئامالنىڭ بارىچە ئازايتسا؛
   9. ئائىلە ۋە تۇرمۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانىغا پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ قالسا. 

 

 

 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号