باش بەت

bahar031

296يوللانما
4مەستانە

ھېسسىياتتا ئازار يېگەن ئەر تاللا بازىرىنىڭ مال ساتقۇچىسىنى يارىلاندۇردى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-19 16:34 0 ئىنكاس چۈشتى


سىچۇەن ئۆلكىسى لۈجۇ شەھىرى شۈيۇڭ ناھىيەسىدىكى بىر ئەر ھېسسىيات جەھەتتە زەربىگە ئۇچراپ، تاللا بازىرىدا ئىككى ئادەمنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. شۇ يەرلىك ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە، قاتىل گۇاڭشىلىق بولۇپ، ھېسسىيات مەسىلىسى تۈپەيلىدىن باشقىلارنى يارىلاندۇرغان، نۆۋەتتە بۇ ئەر جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان.

ۋەقە 15-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەردە يۈز بەرگەن. شۈيۇڭ ناھىيىسى شۈيۋېي بازىرىدىكى مەلۇم بىر تاللا بازىرىنىڭ ئايال خىزمەتچىسى تاللا بازىرىنىڭ سىرتىدا يارىلاندۇرۇلغان بولۇپ، نەق مەيدان قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. ۋەقەنى كۆرگۈچىنىڭ دېيىشىچە، ئەينى چاغدا بىر ئەر تاللا بازىرىدىن نەرسە سېتىۋالغان بولۇپ، «مال ساتقۇچىنىڭ پوزىتسىيسى ياخشى بولمىغانلىقتىن» ماجىرا يۈز بەرگەن، كېيىن بۇ ئەر تاللا بازىرىدىن تىغلىق ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ خالىغانچە ئادەم چانىغان، پۇل يىغقۇچى ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقتىن ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان، يەنە بىرەيلەنمۇ يارىلانغان بولۇپ، زەخمە ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号