باش بەت

MURPHY

2269يوللانما
24مەستانە

بېنزىننىڭ #90، #93، #95، #97 دېگەن بەلگىلىرى نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-23 08:00 0 ئىنكاس چۈشتى

بېنزىننىڭ #90، #93، #95، #97 دېگەن بەلگىلىرى نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ

ھۆسناجى ئابدۇرېھىم

 

  نۆۋەتتە بازارلادا سېتىلىۋاتقان بېنزىننىڭ #90، #93، #95، #97 قاتارلىق بەلگىلىرى بار. بۇ سانلار بېنزىننىڭ ئوكتان قىممىتىگە يەنى بېنزىننىڭ پارتىلاشقا تاقابىل تۇرۇشچانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بېنزىننىڭ ساپلىق دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئاتالمىش «يۇقىرى نومۇرلۇق بېنزىن تېخىمۇ ساپ بولىدۇ» دېگەن قاراش ئەمەلىيەتتە خاتا بولۇپ، ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى بولمىغان قورۇق گەپتىن ئىبارەت خالاس. ئاپتوموبىللارنىڭ دىۋىگاتېلىنى لاھىيەلىگەندە قىسىش نىسبىتىگە ئاساسەن، ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇ ماينىڭ نومۇرى بەلگىلىنىدۇ. قىسىش نىسبىتى بولسا، دىۋىگاتېلنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر خىل تۈزۈلۈش پارامېتىرى بولۇپ، ئۇ پورشېننىڭ تۆۋەن تەرەپكە قىسىلغان ۋاقتىدىكى گاز ھەجىم نىسبىتىنى بىلدۈرىدۇ. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قىسىش نىسبىتى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭدەك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئىسسىقلىق ئېففېكتىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرئەتنى تېزلىتىش ئىقتىدارى، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى قاتارلىق قاتارلىقلارمۇ ماسلىشىپ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. ئەمما سىلىندىر ماتېرىيالىنىڭ ئىقتىدارى شۇنداقلا بېنزىن كۆيگەندىكى پارتلاشتىن پەيدا بولغان سىلكىنىش قاتارلىق چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن، بېنزىن موتورنىڭ قىسىش نىسبىتى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى قىسىش نىسبىتىگە ئىگە ئاپتوموبىللار يۇقىرى نومۇرلۇق يېقىلغۇ ماينى ئىشلىتىش كېرەك. يېقىلغۇ ماي نومۇرى قانچە يۇقىرى بولسا، ماينىڭ كۆيۈش سۈرئىتىمۇ شۇنچە ئاستا، كۆيگەندىكى پارتلاش سىلكىنىشمۇ شۇنچە تۆۋەن بولۇپ، دىۋىگاتىل نىسبەتەن يۇقىرىراق قىسىش نىسبىتىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەكسچە بولغاندا تۆۋەن نومۇرلۇق يېقىلغۇ ماينىڭ كۆيۈش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز، كۆيگەندىكى پارتلاش سىلكىنىشى كۈچلۈك، دىۋىگاتىلنىڭ قىسىش نىسبىتىمۇ نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولىدۇ. 

  يېقىلغۇ ماينىڭ نومۇرى يەنە دىۋىگاتىلنىڭ دەل ۋاقتىدا ئوت ئىلىشچانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۆۋەن نومۇرلۇق يېقىلغۇ ماينىڭ كۆيۈش سۈرئىتى تېز، ئەمما سەل كېچىكىپ ئوت ئالىدۇ. يۇقىرى نومۇرلۇق يېقىلغۇ ماينىڭ كۆيۈش سۈرئىتى ئاستا، ئەمما ئوت ئېلىشى تېزرەك بولىدۇ. مەسىلەن، بىر دىۋىگاتىلنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى تەلەپتە #93 نومۇرلۇق بېنزىنى قاچىلاش كېرەك، دېيىلگەن بولسا، ھازىر ئۇنىڭغا #90 نومۇرلۇق بېنزىن قاچىلانسا ئېھتىمال دىۋىگاتىلنىڭ قوزغىلىشى تەسرەك بولىشى مۇمكىن. سۈرئەتنى تېزلەتكەن ۋاقىتتا، دىۋىگاتىلنىڭ ئىچىدە زىل مېتال سوقۇلۇش ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇزۇن يول يۈرۈپ ئاپتوموبىلنى توختاتقاندا، دىۋىگاتىلدا تىترەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. قىسقىسى بېنزىن نومۇرىنى تاللىغاندا ئاساسلىقى دىۋىگاتىلنىڭ قىسىش نىسبىتىگە قاراش كېرەك. قارىغۇلارچە يۇقىرى نومۇرلۇق بېنزىن ئىشلىتىلسە، سۈرئەتنى تېزلەتكەندە كۈچسىز بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپلا قالماستىن، يەنە يېقىلغۇ ماينى تولۇق كۆيدۈرەلمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ، ئىقتىسادىي ئىسراپچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号