باش بەت

رۇشەن

2565يوللانما
68مەستانە

يانفون ئويناپ ماڭغان ئەر كۆلگە چۈشۈپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-24 19:56 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەر ئەتراپىدا، خۇبىندا تۇرۇشلۇق ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرگۈچىسى گاۋ شىڭجيې نورمال رۇخسەت سوراپ سىرتقا چىقىش يولىدا، شىخۇ كۆلىدىكى دۈەنچياۋ كۆۋرۈكى ئەتراپىدا پولتۇڭ قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىغان. ئۇ بىر ئەرنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال سۇغا چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزغان. ئۇ سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنى قۇتقۇزۇپ چىققاندىن كېيىن، سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ بەك كۆپ سۇ ئىچىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن دەم ئالالماي قالغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىسىمدا ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇنى جىددىي قۇتقۇزغان.

    يولدا كېتىۋاتقان قىزغىن ئامما يېقىن ئەتراپتىكى ئامانلىق ساقلىغۇچى ۋە ساقچىلارنى چاقىرىپ كەلگەن. ئەتراپتىكى شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئەر بىر تەرەپتە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ يانفون ئويناۋاتقان بولۇپ، تۇيۇقسىز تېيىلىپ كېتىپلا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن.

بىرسىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان يۈگۈرۈپ باردى.

قىلچە ئىككىلەنمەستىن كۆلگە سەكرىدى.

سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنى قۇتقۇزۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىقتى.

سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ ھاياتلىق ئىزنالىرىنى مۇقىملاشتۇردى.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号