باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8742يوللانما
417مەستانە

شېنجېندىكى يېڭىلاشنى كۈتۈۋاتقان 80 يۈرۈش تاشلاندۇق داچا

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-24 22:30 0 ئىنكاس چۈشتى

  23-ئىيۇل گۇاڭدۇڭ شېنجېن باۋئەن رايونى شىشىياڭ كوچىسىدا 80 يۈرۈشتىن ئارتۇق پۈتمەستە قالغان داچىلار ئىنتايىن رەتلىك ھالدا، شەھەرنىڭ قايناق مەركىزىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئەمما بۇ داچىلارنىڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكىگە خېلى يىللار بولۇپ قالغانىدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ داچا رايونىدا جەمىئىي 84 يۈرۈش داچا بار بولۇپ تەخمىنەن 20 مىڭ كۋادرات مېتىر يەرنى ئىگەللەيدىكەن. بۇ ئەسلىدە شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ «ھەر بىر ئائىلىگە بىر يۈرۈش» تىن سېلىنغان داچىلار بولۇپ 1992-يىلى شۇ يەردىكى زېمىن بايلىقى تارماقلىرى تەستىقلىغان قۇرۇلۇش ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئىشلەتكەن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپەتسىز بولۇشى، پولات-چىۋىقلارنىڭ ئۆلچەمسىز بولۇشى بىلەن 1995-يىلى بۇ داچىلار پېچەتلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، سۇ قاتارلىق مۇھىم مەسللەرنىڭ ھەل قىلىنماسلىقى تۈپەيلى خەتەرلىك ئۆي ھالىتىدىن بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر تاشلاندۇق رايون بولۇپ قالغان.

  تۈنۈگۈن مۇخبىر رايونغا كېلىپ تەكشۈرگەندە، بۇ يەرنىڭ ئاللىقاچان كۆكتات تېرىيدىغان ۋە قانۇنسىز ماشىنا توختىتىدىغانلارنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلىنىپ بولغانىكەن. بۇ يەردە خەتەرلىك ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، سالاھىيتى ئېنىق بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى ئىكەن. شۇ يەردىكى ئەسلىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنى جىددىيلەشتۈرۋاتقان ئىش بولسا، باۋئەن رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى گەرچە ئىككى قېتىم شەھەرلىك يەر-زېمىن پىلانلاش كومىتېتىغا داچا رايونىنى يېڭىلاشنى، چىقىلغاندىن كېيىن ئېگىز قەۋەتلىك تۇرالغۇ بىناسى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئىككىلا قېتىمدا رەت قىلىنغان.

  زادى نېمە سەۋەبتىن داچا رايونىنى يېڭىلاش پىلانى رەت قىلىشقا ئۇچرىغان؟ ئەمەلىيەتتە بۇ داچا رايونىدا قۇرۇلۇش سۈپىتى جەھەتتە يوشۇرۇن بىخەتەرلىك خەۋىپى ساقلانغان. شۇ يەردىكى ۋېن ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يەردىكى پولات-چىۋىقلار ئادەتتە ئۆي سېلىشتا ئىشلىتىدىغان پولات-چىۋىقلاردىن ئىنچىكە بولۇپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرنىڭ ئۆلچەمسىزلىكىمۇ بۇ داچا رايونىنىڭ تېخىچە پۈتۈپ بولالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئىكەن. تونۇشتۇرىلىشچە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا، دۆلەت زېمىن بايلىق ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن سېلىنغان داچا رايونى ئويلىمىغان يەردىن قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئالغۇچىنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى قىسقارتىشى بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا ئادەم تۇرغىلى بولمايدىغان يەرگە ئايلانغان.

 بەزى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان كىشىلەر بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرگەن يەنە بەزى كىشىلەر بۇ جاينى كۆكتات تېرىيدىغان ئورۇن قىلىۋالغان. شۇ يەردىكى پاي ھەمكارلىق شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، پات ئارىدا كەڭ كۆلەملىك داچا ئىچىدىكى كۆكتات تېرىش مەسلىسىنى ھەل قىلدىغان بولۇپ، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى ئەۋەتىپ چارلاش قىلغان. ھەمدە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن. بىراق بۇلار يەنىلا ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزدىن ھەل قىلالمايدىكەن. چۈنكى بۇ يەردە  يامغۇر ياغسىلا ئۆيدىن ئۆتۈپ كېتىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يوشۇرۇن خەۋىپلەر يوشۇرۇنغانىكەن. ئەڭ مۇھىمى بۇ مەسىلىلەرنى شۇ يەردىكى ئاساسىي قاتلام بۆلۈملىرىمۇ ھەل قىلالمايدىغان بولۇپ، شۇ يەرلىك ئاھالىلەر بۇ جاينىڭ تېزىرەك يېڭىلىنىشنى، چېقىپ يېڭىلاش ئىلتىماسىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ تېزرەك تەستىقلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

  ئەمەلىيەتتە ئاھالىلەرنىڭ يۈرەك ساداسى ئىككى يىل بۇرۇنلا يۇقىرىغا ئىنكاس قىلىنغان بولۇپ، باۋئەن رايونلۇق ئۆزگەرتىش ئىشخانىسىدىكى جاڭ جېي قاتارلىقلار 2012-يىلى كۆپ قېتىم داچا رايونىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ 84 يۈرۈش كونا داچا رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى كونا، ئۇزۇن مۇددەت قۇرۇق تۇرغاچقا شەھەر قىياپىتىگە تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە،  يۇشۇرۇن خەۋىپلەر ساقلانغان. 

مۇناسىۋەتلىك قائىدە-نىزامنامىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ رايوننى ئۆزگەرتىش پۈتۈنلەي ئورۇنلۇقكەن.

  شەھەرلىك يەر زېمىن باھالاش كومېتتى ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، دەرھال مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، بۇ رايوننى زادى يېڭىلاش كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسلىنى مۇزاكىرە قىلغان. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق بۇ جاينىڭ يېڭىلاش شەرتىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى بېكىتكەن.

  بۇ ئىشقا قارىتا شەھەرلىك يەر-زېمىن باھالاش كومېتىتى مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:«يېڭى تىپتىكى دائىرىسى، ھوقۇق تەۋەلىكى مەسىلىسى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق يۆتكەپ كېلىش ئارقىلىق قانۇنلۇق ھوقۇق تەۋەلىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە، بولىدۇ».

  ئۇنداقتا، بۇ كونا داچا رايونىنى يېڭىلاش ئىشى قانداق بولىدۇ؟ بۇ يەر مەڭگۈ تاشلاندۇق پېتى قالامدۇ ياكى ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ئىشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلامدۇ؟ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم. ئەمما بىز بۇ ئىشنىڭ تېزرەك ھەل بولۇشىنى، شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىشىگە شارائىتنىڭ ھازىرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号