باش بەت

رەنائاي

489يوللانما
1مەستانە

ماشىنىغا بېنزىن قاچىلىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-29 21:44 0 ئىنكاس چۈشتى


بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

نۇرغۇن شوپۇرلاردا بېنزىننىڭ بەلگە نومۇرى دەل نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى ۋە سۈپەت ئۆلچىمىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ماشىنىغا بەلگە نومۇرى قانچە يۇقىرى بولغان بېنزىننى ئىشلەتسە شۇنچە ياخشى دېگەن خاتا چۈشەنچە بار. بېنزىن نومۇرىنى يۇقىرى-تۆۋەنلىكى پەقەت بېنزىننىڭ ئوكتان قىممىتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەسلىدە ماتور سىقىش نىسبىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان نومۇردىكى بېنزىننى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.

饭可以乱吃,汽油可不可以乱加?

 ئادەتتە سىقىش نىسبىتى 8.0-10.0 كىچە بولسا 92 ياكى 93-نومۇرلۇق بېنزىننى تاللاش كېرەك. سىقىش نىسبىتى 10.0 دىن يۇقىرى بولسا 95 نومۇرلۇق بېنزىننى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. (سىز ئەمەلىيەتتە مۇنداق يادلىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئورۇق تاماقنى ئاز يەيدۇ، سېمىز تاماقنى جىق يەيدۇ. ھەممىسى سانغا باغلىق). 

饭可以乱吃,汽油可不可以乱加?

  پىكاپ ماي باكىنىڭ ئىچكى تەرىپىدە ئادەتتە زاۋۇت تەلەپ قىلغان بېنزىن نومۇرى يېزىلغان بولىدۇ. ئەگەر كۆرسەتمە سۆزى«93 نومۇرلۇقتىن يۇقىرى بېنزىننى تاللاپ ئىشلىتىڭ» دېگەن بولسا، بۇ ماشىنىغا 93-نومۇرلۇق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نومۇرلۇق بېنزىن قاچىلاش كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك 93-نومۇرلۇق بېنزىن ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ. ئەگەر 97-نومۇرلۇقنى قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ماتورغا نىسبەتەن ھېچقانداق زىيىنى يوق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھېچقانداق پايدىسىمۇ يوق. 

饭可以乱吃,汽油可不可以乱加?

 ئەگەر كۆرسەتمىدىكىدىن تۆۋەن نومۇردىكى بېنزىننى قاچىلىغان بولسىڭىز (ماتور ئەلۋەتتە ياخشى كۆرمەيدۇ، ئازراق مەسىلە كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن) «سىلىندىرنى چېكىش»، يەنى ماتورنىڭ سىلكىنىشى كۈچىيىپ كېتىش، سۈرئىتى تەكشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ يەنە ماتورنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىشلىتىش ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ. 

饭可以乱吃,汽油可不可以乱加?

 بېنزىن ۋە دېزىلنىڭ كۆيۈش شەكلى ئوخشىمىغان بولغاچقا، ئەسلىدە بېنزىن قاچىلاشقا تېگىشلىك ماشىنىغا دېزىل قاچىلىغاندا، ماتورغا بولغان تەسىرمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. يەنى ماشىنىنىڭ تىترىشى كۈچلۈك بولۇش، قۇيرۇق قىسمىدا ئاق گاز چىقىش ھەتتا ماشىنا ئوت ئالالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. ئەگەر بېنزىن ماشىنىسىغا دېزىل قاچىلاپ داۋاملىق ئىشلەتكەندە، پۈتكۈل ماي يولى سېستىمىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ ھەتتا ماتورنىمۇ كاردىن چىقىرىشى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى شۇكى بۇ زىيانلار سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆلەم دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. 

饭可以乱吃,汽油可不可以乱加?

 ئەگەر ماشىنىغا ماينى خاتا قاچىلىۋالغان بولسىڭىز، ماتور تېخى ھەرىكەتلەنمىگەن بولسا، خاتا قاچىلىۋالغان ماينى تارتىپ چىقىرۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ماي باكنى تازىلىۋەتكەندىن كېيىن قايتىدىن ماي ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. يەنە بىر خىل ئەھۋال شۇكى، ئەگەرماتور قوزغىلىپ بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بايقىسىڭىز، بۇ ۋاقىتتا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ماشىنىنى سۆرىتىپ كەسپىي رېمونت زاۋۇتىغا ئاپىرىپ، كەسپىي رېمونتچىلارغا رېمونت قىلدۇرۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا زىيان ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىدۇ. 

饭可以乱吃,汽油可不可以乱加?

 ماينى خاتا قاچىلىۋېلىش ساۋات خاراكتېرلىك خاتالىق بولۇپ، بىراق ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت. بۇ بىر بولسا ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىپەرۋالىقىدىن كېلىپ چىققان بولسا، بىر بولسا ماشىنىنى باشقىلارغا ئارىيەتكە بەرگەنلىك تۈپەيلى كېلىپ چىققان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号