باش بەت

رۇشەن

2565يوللانما
68مەستانە

«ئاچپاقا»لىق قىلىپ چارپاقا يېگەن ئىككى ئەر زەھەرلىنىپ قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-27 23:02 0 ئىنكاس چۈشتى

«ئاچپاقا»لىق قىلىپ چارپاقا يېگەن ئىككى ئەر زەھەرلەنگەنلىكتىن بىرى ئۆلۈپ بىرى دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    ياز يېتىپ كېلىشى بىلەن، بەزىلەر يېرىم كېچىدە قول چىراغ ياندۇرۇپ يېشىل پاقا تۇتقىلى چىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چارپاقىغا يولۇقۇپ قالسا، چوقۇمكى ئۆزىنى دالدىغا ئالىدۇ.

    لېكىن، يەنە بەزىلەر خاتا ھالدا چار پاقىنى ئادەتتىكى يېشىل پاقا ئورنىدا ئىستېمال قىلىپ قالغان بولۇپ، يەپ بولغاندىن كېيىن بالا-قازاغا ئۇچرىغان.

    7- ئاينىڭ 19- كۈنى، شۇاڭچياۋ ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ئىككى ئەر يېرىم كېچىدە يېشىل پاقا تۇتقىلىق چىققاندا، خاتا ھالدا ئىككى چارپاقىنى يېشىل پاقا دەپ تونۇپ قېلىپ تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن كۆكتات شورپىسى قاينىتىپ، تۆت ئادەم بىللە ئىستېمال قىلغان.

    بۇ تاماقنى يەپ بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۆت ئادەمدە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ تۆت ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان.

    ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى 24- چېسلا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن، يەنە بىرى چۇڭچىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى يۇڭچۈەن دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئاپىرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان، قالغان ئىككەيلەننىڭ زەھەرلىنىش ئەھۋالى ئېغىر ئەمەس ئىكەن. نۆۋەتتە، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئاپىرىلغان ئەر خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号