باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11589يوللانما
944مەستانە

راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قىزنىڭ ھالىدىن توردا تونۇشقان لايىقى ئىزچىل خەۋەر ئالدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-29 16:30 0 ئىنكاس چۈشتى

  بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن جاۋ دافېى خېبېي شىڭجىدىن بولۇپ، بۇلتۇر ئىيۇندا ئارىلاشقىلى تۆت يىل بولغان تۇڭچۇەنلىك قىز دوستى بەخىتكە قارشى تۇخۇمدان راكى دەپ ئېنىقلاپ چىقىلغان. بىرىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيەدىن باشلاپ، تا بۈگۈنگە قەدەر 160 مىڭ يۈەن خىراجەت قىلغان بولۇپ، جاۋ دافېي قىز دوستىنى داۋالىتىش ئۈچۈن بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇلسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنى داۋالىتىشتىن ۋاز كەچمىگەن. ئۇ قىز دوستىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرشى ئۈچۈن بىر كۈندىلىك خاتىرە سوۋغا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا راكقا قارشى تۇرۇش جەريانىدىكى ئازاپلىق جەريانلار يېزىلغان.

  28- ئىيۇل خۇشاڭ گېزىتى مۇخبىرى شىئەن شەھەرلىك گاۋشىن دوختۇرخانىسى ياتاق بۆلۈمى تۆتىنچى قەۋەتتىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە خوۋ باۋجۇەننى كۆردى. سەككىز قېتىملىق خىمىيەلىك داۋالاش سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئۇزۇن قاپقارا چاچلىرى  ئاساسەن چۈشۈپ تۈگىگەنىدى. يېقىندا يەنە قورساق بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىپ قالغانلىقتىن، توختىماي ياندۇرۇپ، تاماق يېيىشىمۇ ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، تېنى ئاجىزلاپ، كېسەل كارۋىتىدا تۈگۈلۈپلا قالغانىدى. بوي ئېگىزلىكى 1.65 مېتىر  ئېغىرلىقى 120 جىڭ كېلىدىغان ئۇ ھازىر  ئورۇقلاپ بىراقلا 90 جىڭغا چۈشۈپ قالغان.

  «بىز ئەسلى توردا تۇنۇشقان، كېيىن مەن شىئەنگە كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر شىركەتتە ئىشلىدۇق. 2014-يىلى مەن شىڭجىدىكى ئۆيۈمگە قايتىىپ، ئازىراق يەرلىك مەھسۇلاتلار سودىسىنى قىلماقچى بولۇپ سالغان دەسمايىنىمۇ قايتۇرۇپ بولماي تۇرۇپلا، قىز دوستۇم ئاغرىپ يېتىپ قالدى». جاۋ دافېي قىز دوستىنىڭ ئىلگىرىكى رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ قاپقارا چاچلىرىغا مەن ھەقىقەتەن ئامراق ئىدىم دېگەن. ئۇ يەنە:«قىز دوستۇم ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، بۇلتۇر  مايدا بىز بىرلىكتە بېيجىڭغا ساياھەتكە بارغان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئىيۇندا ئۇ تۇخۇمدان راكى دەپ ئېنىقلاپ چىقىلدى» دېدى.

  قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى گەنسۇدا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىنلا ھاممىسى ۋە مومىسىنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان. «ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ كېلىپ-چىقىشىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىچىم ئاغرىدى. مەن ئۇنىڭ يەنە داۋاملىق جاپا چېكىشىنى خالىمايتتىم، ھەر ئايدا بىز مەن تاپقان تۆت بەش مىڭ يۈەن پۇلنى خىراجەت قىلىپ، ئۆي ئىجارە ئالدۇق» دېدى جاۋ دافېي. «ئۇ ئاغرىپ قالغاندىن بۇيان، ھالىدىن ئىزچىل خەۋەر ئېلىپ كەلدىم، ئۇنى تاشلاپ قويسام بولمايتتى.» بۇلتۇر ئىيۇندا تۇنجى قېتىم تۇخۇمداننى كېسىپ ئېلىۋىتىش ئوپېراتسىيەسىنى قىلدۇرغاندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، جەمئىي سەككىز قېتىم ئوپراتسىييە قىلدۇرغان بولۇپ، ھەر بىر قېتىملىق ئوپېراتسىيەسىگە  ئونمىڭ يۈەن ئەتراپىدا خىراجەت كەتكەن. «ئۇنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، بىرەيلەننىڭ تەۋسىيەسى بويىچە ئىمپورت قىلىنغان دورىنى يەيدىغان بولۇپ، بىر قاپتىكى ئۈچ تال دورا 650 يۈەن» دېدى.

  جاۋ دافېينىڭ يانفونىدا، قىز دوستىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى بار بولۇپ، ھەر قېتىم دورىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، قىز دوستىغا ئۇچۇر يازىدىكەن. خوۋ باۋجۇەن ئۇنىڭغا:«مەن شۇنچىلىك بىئارام بولۇپ كەتتىم، ئۆزۈمنى خۇددى ياشىيالمايدىغاندەكلا ھېس قىلۋاتىمەن» دەپ ئۇچۇر قايتۇرىدىكەن. جاۋ دافېي 16 ياش ۋاقتىدا ئانىسى كېسەل سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئاتىسى بىلەن بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇپ ياشىىغان. تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى بېيجىڭدا ئامانلىق قوغداش خادىمى بولۇپ، ئوغلىنىڭ قىز دوستى ئاغرىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىدە بار يوق 3000 يۈەننى ئۇرۇپ بەرگەن. قىز دوستى ئاغىرىپ قالغاندىن بېرى ئۇ قولىدىكى سودىنى تاشلاپ، شىئەنگە قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. 

  جاۋ دافېي:«ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، مەن خىزمەت قىلىشقا ئامالسىز قالدىم، ھەر كۈندىكى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ئۈچۈن، 500 يۈەن ئەتراپىدا خىراجەت قىلىمىز، ئەگەر ئوپراتسىيە قىلسا ئاز دېگەندىمۇ ئونمىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل كېتىدۇ. بۇ قېتىم ئۇنىڭ كېسىلى يەنە قوزغىلىپ، ئوتتۇز مىڭغا يېقىن پۇل خەجلەپ بولدۇق. ئۇرۇق-تۇغقانلارمۇ ماڭا قەرز بېرىپ تۇرۇشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدى، ھازىر ھېسابلاپ باقسام، ئون نەچچە مىڭدىن ئارتۇق قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىپتىمەن.» خوۋ باۋجۈەن بىلەن بىرگە ياتىدىغان كېسەلنىڭ ئائىلە ئەزاسى ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«بۇ ئىككەيلەنگە ھەقىقەتەنمۇ تەس بولدى، ھەر قېتىم يىگىت قىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، قىزنىڭ ئاتا-ئانسىنى بىرەر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىدۇق».

  دۇنيادا ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن بارلىقىنى بېرىدىغان ئاتا-ئانىلار نۇرغۇن، ئەمما يەنە مۇشۇنداق ئاز بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارمۇ مەۋجۇت، ئۇلار يا بالىسىنىڭ تىرىكى يا ئۆلۈكى بىلەن كارى يوق. كېسەل ئازابى ھېچكىمنىڭ بېشىغا كەلمىسۇن. يىگىتنىڭ ۋاپادارلىقىغا ئاپرىن! بۇ يەردە بىزمۇ بۇ قىزنىڭ بالدۇر ساقىيىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号