باش بەت

rukiye

97يوللانما
1مەستانە

℃59 لۇق ماي يولدا ئانىسىنى ئىزدىگەن «ماركو»نىڭ پۇتى كۆيۈپ قالدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-07-30 16:26 0 ئىنكاس چۈشتى

29- ئىيۇن چۈشىتن بۇرۇن سائەت 10 لاردا تەيجوۋ شەھرى خەي لىڭ رايونى، 3 ياشلىق بالا پىڭ پىڭ ئانىسىنى ئىزدەپ چىقىپ، تېمپىراتۇرىسى 59 يەتكەن ماي يولدا يالاڭ ئاياغ 40 مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن بالىنىڭ تاپىنى كۆيۈپ يارىلاندى، بۇنى كۆرگەن بىر ياخشى نىيەتلىك بىر كىشى بالىنى دەرھال ساقچىخانىغا ئاپاردى،  ساقچى دوختۇرخانىغا ئاپارمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بالىنى ئېلىپ ماڭدى، يولدا ماڭغاچ ئۈندىدار، مىكرو بىلوگدىن پايدىلىنىپ، بالىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى سۈرۈشتە قىلدى.

29- ئىيۇن سائەت 11 دە، تەيجوۋ شەھرىنىڭ تېمپىراتۇرىسى ℃38 قا يەتكەن. ماي يولى بولسا قىزىپ 59 قا يەتكەن ئىدى. 3 ياشلىق بالا پىڭ پىڭ يالاڭ ئاياغ ماي يولىدا مېڭىپ، بىر تەرەپتىن يىغلاپ، ئانىسىنى ئىزدەپ كېتىۋاتاتتى. شەھەر ئاھالىسى جاڭ شاۋ جىيەن موتسىكىلىتنى مىنىپ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، بالىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن گەپ سورىدى، ئويلىمىغان يەردىن بالا ئۇنىڭ موتسىكىلىتىغا سەكرەپ چىقىۋېلىپ، ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى. جاڭ شاۋ جىيەن سەپسېلىپ قارىسا بالىنىڭ تاپانلىرى كۆيۈپ، يارا بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ بالىنى دەرھال ساقچىخانىغا ئاپاردى.


ساقچىلار ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، خىزمەتلەرنى تەقسىم قىلىشتى: بىر گورۇپپا بالىنى ئېلىپ، دوختۇرخانىغا ماڭدى، يەنە بىر گورۇپپا بالىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى سۈرۈشتە قىلدى، ئۈندىدار، مىكرو بىلوگدا ئېلان بەردى. بالا ئاغرىق ئازابىدىن يول بويى يىغلاپ ماڭدى. ساقچى بالىنى تەيجوۋ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى 15- قەۋەتتىكى كۆيۈك بۆلۈمىگە ئېلىپ چىققان ۋاقىتتا پۈتۈن بەدىنى قارا تەرگە چۆمۈپ كەتكەن ئىدى. بۇ چاغدا بالا يىغلاۋىرىپ ئۈنى پۈتۈپ كەتكەنىدى. دوختۇر بالىنىڭ پۇتىنى تۇتۇشىغىلا بالا قىرقىراپ يىغلاپ كەتتى، بۇ چاغدا بىللە كەلگەن ئايال ساقچى بالىغا چوكا مۇز بېرىپ گوللاپ تۇردى. دوختۇر ئاۋال بالىنىڭ پۇتىنى يېرىم سائەت مۇزلۇق سۇغا چىلاپ، ئاندىن دېزىنفىكسىيە قىلىپ، سۇلۇق قاپارتقۇلارنى كىچىك ئوپراتسىيە قىلىپ تارتىپ چىقىرىپ، دورا سۈرۈپ تېڭىپ قويدى. ئۇنىڭغىچە بالىنىڭ ئانىسى دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى. بالا ئانىسىنى كۆرۈپ ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى. ئانىمۇ بالىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ قار- يامغۇر يىغلاپ كەتتى.

ئەسلىدە ئانىسى قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى ۋاقىتلىق ئۆيىدە ئۇخلاۋاتقان پىڭ پىڭنى قويۇپ، يىراقراق بىر يەردىكى تۇغقىنىنىڭكىگە كىر يۇغىلى كەتكەن ئىكەن. 20 مىنۇتتىن كىيىن كېلىپ قارىسا بالىسى ئۆيىدە يوق، ئىزدەپ تاپالمىغاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

بالىنىڭ ئانىسى ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا ياخشى نىيەتلىك كىشى ۋە ساقچىلارغا، دوختۇرغا رەھمەت ئېيىتتى.

بۇ ئىشتىن ساقچى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان بالىنى ئۆيدە يالغۇز قويغانلىقتىن كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ قالدى، شۇڭا ئاتا- ئانىلار بالىلارنى كۆزىدىن نېرى قىلماسلىقى لازىم. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号