باش بەت

نۇرگۈل

62يوللانما
0مەستانە

چەتئەللىك ئەر 18 ئايدا 114 كىلو ئورۇقلاپ يېڭىچە تۇرمۇشقا ئېرىشتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-03 17:18 0 ئىنكاس چۈشتى

سېمىزلىك سەۋەبىدىن ھاياتىنى ئازاب ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان مىك  ۋائۇدبىي (Mike Waudby)  ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۆلۈم گىردابىدىن يېنىپ، ھاياتقا باشقىچە باقتى ۋە 18 ئايدا 114 كىلو ئورۇقلاپ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئەمدىلا 31 ياشقا كىرگەن مىك ۋائۇدبىي مەيخانىدا تونۇشقان بىر ئايال «مىكنىڭ سېمىزلىكى ئۆزىنى ۋە دوستلىرىنىڭ ئارامىنى بۇزغان» دەپ مەسخىرە قىلىپ قوغلىۋېتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇنى ئۆلۈمگە ئىتتىرگەن باشلانغۇچ پىلتىسى بولۇپ قالىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە مىك يەتتە يىلدىن بېرى دوختۇرخانا ۋە ئۆيدىن باشقا ھېچ بىر يەرگە بارمىدى. بارغانسېرى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا ئازابلىنىپ، ئاخىرى بىر كۈنى ئىسپىرت بىلەن دورىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇندى. 

ئۆلۈم ئېغىزىدىن يانغان مىك ھازىرقى ھاياتىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىش قارارىغا كەلدى ۋە  ئورۇقلاش بىلەن بىرلىكتە ئۈزلۈكسىز چېنىقىشقا باشلىدى.

18 ئايدا 114.5 كىلو ئورۇقلىغان مىك ھازىر «مۇسلەس ئەپەندى» نامى بىلەن ئاتىلىپ، چېنىقىش تىرېنېرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. 

«ئورۇقلاش ماڭا يېڭى بىر ھايات ئەمەس بەلكى ھەقىقىي بىر ھايات بەردى» دەيدۇ مىك.


 كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يەنە بىر ھېكايە بار. 28 ياشلىق جۇلىيا كوزەرسكاي (Julia Kozersky ) توي قىلغان ۋاقتىدا دەل 153 كلوگرام ئىدى. توي قىلغاندىن كېيىن، ھاياتىدا بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بۇلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى ۋە ئورۇقلاشنى قارار قىلدى.

ساغلام ۋە نورمال بىر ھاياتنى ياشاشقا باشلىغان كوزەرسكاي بىر يىلدا 75 كىلو ئورۇقلىدى ۋە بۇ جەرياندا رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. 

مانا بۇ شۇ رەسىملەر .......


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号