باش بەت

MURPHY

2182يوللانما
21مەستانە

ئاپېننىن رىۋايىتى! باگگىئونىڭ تەرجىمىھالى ۋە قالتىس ماھارىتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-05 22:38 0 ئىنكاس چۈشتى

 

  روبېرتو باگگىئو (Roberto Baggio)

  1967-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان، ئىتالىيەلىك پۇتبولچى، دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى گىگانت چولپان. 1990-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان، توققۇز توپ كىرگۈزگەن. ئالدى-كەينى بولۇپ فىلورېنسىيە، يۇۋېنتۇس، AC مىلان، خەلقئارا مىلان قاتارلىق ئىتالىيەنىڭ تۆت زەردار كۇلۇبىدا توپ تەپكەن. ئەنگىلىيە تېلېۋىزىيە 4-قانىلىدىكى دېف تايلور ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن 10 نادىر توپىنى باھالىغاندا، باگگىئونىڭ ئۈچ توپى تاللانغان. بىرىنچىسى بولسا ئۇنىڭ 1990-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن توپى، بۇ توپ خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى باھالىغان دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئون نادىر توپنىڭ ئىچىدە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. چىراي-تۇرقى كېلىشكەن، «ئوتتۇرا دېڭىزگە رەڭگىدىكى كۆك كۆزى»، ئۇزۇن ئۆرۈمە چېچى روبېرتو باگگىئونىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى.

  سېھىر كەبىي پۇتى ۋە نەزەر دائىرىسىگە تايىنىپ، باگگىئو كەسپىي ھاياتىدا نۇرغۇن قېتىم ئۇلۇغۋار مىنۇتلارنى ياراتقان. لېكىن ئىتالىيە پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ۋاقىت ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 1994-يىلى دۇنيا لوڭقىسى ئىتالىيە بىلەن بىرازىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئوينالغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ نۇقتا توپ جېڭىدە باگگىئو ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا توپنى تېپىپ چىقىرىۋېتىپ، كۆك كىيىملىك ئارمىيە ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئازابنى قالدۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭغا «غەمكىن شاھزادە» دېگەن نامنى بەردى. ئۇنىڭ يەنە «دۆلەت گۆھىرى»، «سىرلىق ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچ» قاتارلىق چىرايلىق ناملىرى بار. 1993-يىلى باگگىئو ياۋروپا پۇتبول ئەپەندى ۋە دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالاندى. 2003-يىلى دۇنيا ئالتۇن پۇت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ 1990-يىلىدىكى يۆتكىلىش ھەققى ئەڭ يۇقىرى توپچى (سەككىز مىليون فوندستېرلىڭ). ئىتالىيەلىكلەر ئىچىدىكى تۇنجى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى باھالىغان دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى.

  2004-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، روبېرتو باگگىئو رەسمىي چېكىندى.

خەنزۇچە ئىسمى: 罗伯托 · 巴乔

چەت ئەل يېزىقىدىكى ئىسمى: Roberto Baggio

باشقا ئىسمى: دۆلەت گۆھىرى، غەمكىن شاھزادە، سىرلىق ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچ

دۆلەت تەۋەلىكى: ئىتالىيە

مىللىتى: ئىتالىيان

تۇغۇلغان جايى: ئىتالىيە ۋىسېنزا شەھىرى كالدوگنو بازىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1967-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى

بەدەن ئېغىرلىقى: 72 كىلوگىرام

تەنھەرىكەت تۈرى: پۇتبول

تەۋە تەنھەرىكەت كوماندىسى: چېكىنگەن

مەيداندىكى ئورنى: ئالدى بەل، ھۇجۇمچى

ئېرىشكەن ئاساسلىق مۇكاپاتلىرى:

1993-يىللىق ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى

1993-يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى

2003-يىلى دۇنيا ئالتۇن پۇت مۇكاپاتى

«20-ئەسىرىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ 100 پۇتبول تەنھەرىكەتچى» ئىچىدە ئىتالىيە بويىچە بىرىنچى

2013-يىلى باھالىغان «ئىتالىيە تارىخىدىكى 20 گىگانت چولپان» ئىچىدە بىرىنچى

مۇھىم ئىشلار:

1994-يىلى FIFA دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە نۇقتا توپنى تېپىپ چىقىرىۋەتكەن

2011-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، باگگىئو تۇنجى نۆۋەتلىك ئىتالىيە پۇتبول داڭلىق شەخىسلەر قاتارىغا كىرگەن

لەقىمى: غەمكىن شاھزادە

قان تىپى: A 

دىنى ئېتىقادى: بۇددا دىنى

خاتىرىلەش ناخشىسى: Better Man 

ئاپېننىن رىۋايىتى! باگگىئونىڭ قالتىس ماھارىتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ (ۋىدېيو)

ۋىدېيونىڭ تور ئادرېسى: http://v.youku.com/v_show/id_XMTY3MjM0MTYyNA==.html

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号