باش بەت

يۈسۈپ ھۇشۇر

188يوللانما
20مەستانە

قىز ئوقۇغۇچى كىملىكى يېنىدا تۇرۇپمۇ 11000 يۈەن قەرز بولۇپ قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-08 18:28 0 ئىنكاس چۈشتى


بۇ يازلىق تەتىلدە ئىككىنچى يىللىقنىڭ قىز ئوقۇغۇچىسى زۇ ۋېنجىڭنىڭ كۈنلىرى بىر ئاز زېرىكىشلىك ئۆتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 7-ئايدا، ئاينىڭ بېشى ۋە ئاخىرىدا چۈفېنچى «趣分期» ۋە شياۋشۇ شىدەي «小树时代» دېگەن ئىككى سۇپىدا «قەرز بولۇپ قېلىش» ئىشىغا يولۇققانلىقىنى بىلگەن، ھەمدە كېيىنكىسىنىڭ قەرز سۈيلەش خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان. «بەلكىم بەزىلەر مېنىڭ كىملىك ئۇچۇرۇم بىلەن قەرز بېجىرگەن بولۇشى مۇمكىن، ھازىر دىر ۋە ئۆسۈمىنى ھېسابلىغاندا 11555 يۈەن بولغانلىقىنى بىلدىم.» زۇ ۋېنجىڭ شۇنداق دېدى.

قەرز ئېلىش ئاپپاراتى تەمىنلىگەن سىن كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىشىچە، بىر ئۇزۇن چاچلىق قىز زۇ ۋېنجىڭنىڭكىدەك كىملىك بىلەن قەرز بېجىرگەن. «ئۇ قىز مەن ئەمەس، ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، كىملىكتىكى بارلىق ئۇچۇر، باش سۈرەت، ھەممىسى مېنىڭكىگە ئوخشاش.» زۇ ۋېنجىڭ شۇنداق دەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قالايمىقان ئىشلىتىلىپ، «قەرز بولۇپ قېلىش» ۋەقەسى كېلىپ چىققانلىقىدىن گۇمانلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، «چۈفېنچى» بولسا مۇددەتكە بۆلۈپ ئىستېمال قىلىدىغان مال سېتىۋېلىش سۇپىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار كىنىشكىسى، كىملىك ئاساسەن قەرز بېجىرىشكە بولىدىكەن، ھەمدە سۇپىدىكى سودىگەرلەردىن مۇددەتكە بۆلۈپ تۇرۇپ مال سېتىۋالغىلى بولىدىكەن؛ «شياۋشۇ شىدەي» نىڭ تۇلۇق نامى «شېنجېن چيەنخەي شياۋشۇ شىدەي تور پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى» بولۇپ، ئاساسلىقى 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياشلارغا قەرز بېجىرىش مۇلازىمى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئۆزى «قەرز» بولۇپ قالدىم دەپ، ئون مىڭ يۈەنچە قەرزنى زىممىسىگە ئېلىپ، قەرز سۈيلەش خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى

7-ئاينىڭ بېشىدا، تەتىل قىلىۋاتقان چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 2-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى زۇ ۋېنجىڭ ئۆزىنىڭ چىقىمدان «支付宝» ىدىكى كۈنجۈت ئىناۋىتى «芝麻信用» بۇرۇنقى 700 دىن تۆۋەنلەپ 588 كە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان. «سەۋەبسىزلا ئىناۋەت دەرىجىسى قانداقسىگە تەسىرگە ئۇچرايدۇ ؟» سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ ئۆزىنىڭ چىقىمدان كۈنجۈت ئىناۋىتى ئىچىدىكى «چۈفېنچى» دە بىر قېتىم قەرز ئېلىنغانلىقىنى بايقىغان. « ھازىر كۆرگىنىم 6996 يۈەن، لېكىن ھەرگىزمۇ مەن بېجىرگەن ئەمەس.»

7-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۇ «شياۋشۇ شىدەي» دىن كەلگەن قەرز سۈيلەش خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان. خەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى بىر قېتىم قەرز ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، قەرەلى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، جۇغلىنىپ قالغان قەرزنى كەينىگە سۆرەش سوممىسى 4559 يۈەنگە يەتكەن ئىكەن. «بۇمۇ ئوخشاشلا مەن بېجىرگەن قەرز ئەمەس.» زۇ ۋېنجىڭ شۇنداق دەيتتى.

زۇ ۋېنجىڭ بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، دەرھال مەكتەپتىكى «چۈفېنچى» نىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەينى ۋاقىتتا كىمنىڭ بۇ قەرزنى بېجىرگەنلىكىنى سورىغان، ھەمدە «شياۋشۇ شىدەي» ئەۋەتكەن خەتتىكى ئادۋوكاتقا تېلېفون قىلغان. ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا مۇشۇنداق قەرزىنىڭ بېجىرىلگەنلىكىنى، ھەمدە مۇددەتىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتنى تەمىنلەپ بەرگەن.

«چۈفېنچى» نىڭ مەكتەپتىكى ۋاكالەتچىسى تەمىنلىگەن بىر ئىسپات ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن چاچلىق بىر قىز ياتاقنىڭ ئالدىدا كىملىكنى كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، قولىدا يەنە بىر قەرزنىڭ قەغەزچە ماتېرىيالى باركەن. «شياۋشۇ شىدەي»  ئادۋوكاتىنىڭ ئىسپات ماتېرىيالى بىر سىن ھۆججىتى ىولۇپ، ئۇنىڭدا بىر قىزنىڭ قولدا كىملىكنى كۆتۈرۈۋېلىپ، سۇپا تەرەپ خىزمەتچىسىدىن گەپ سوراۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئىككى ماتېرىيالدىكى «زۇ ۋېنجىڭ» بىر ئادەمگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. بىراق، زۇ ۋېنجىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىككى ماتېرىيالدىكى «زۇ ۋېنجىڭ» ئۆزى ئەمەسكەن، «ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، كىملىكتىكى بارلىق ئۇچۇر، باش سۈرەت ھەقىقەتەن ئۆزۈم ئىكەنمەن.»

زۇ ۋېنجىڭنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ كىملىكى باشقىلار تەرىپىدىن قالايمىقان ئىشلىتىلگەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كىملىكىنىڭ ئەزەلدىن يىتۈپ باقمىغانلىقىنى، ھازىرمۇ يەنىلا يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

قەرز ئېلىش ئۇچۇرىدا قالدۇرۇلغان ئىسىمنىڭ ھېچقايسىسى توغرا ئەمەس، تېلېفون نومۇرىنىڭ ھېچقايسىسى ئۇلانمىدى

زۇ ۋېنجىڭ كىملىكى بىلەن «چۈفېنچى» دىكى ھېساباتىنى تەكشۈرۈپ باقتى. «قەرز بېجىرگۈچىنىڭ ئىشلەتكەن سوممىسى 7000 يۈەن بولۇپ، ھازىر ھېساباتتا 4 يۈەن ئېشىپ قالغان، قارىشى تەرەپ سۇپىدا ئىككى جۈپ ئاياغ ۋە بىر تال ئالما 6 پىلاس سېتىۋاپتۇ.» زۇ ۋېنجىڭ شۇنداق دەيتتى.

زۇ ۋېنجىڭ تەمىنلىگەن مال زاكاز قىلىش تالونىنىڭ كەسمە رەسىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى جۈپ ئاياغنىڭ پوچتا ئادرېسى «چېڭدۇ شەھىرى چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتى 3-بىنا 402-ياتاق»، ئالما تېلېفوننىڭ ئادرېسى «چېڭدۇ شەھىرى شۇاڭليۇ ناھىيەسى سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى جياڭئەن ئوقۇتۇش رايونى»، ئالاقىلەشكۈچى «زۇ جىڭۋېن»، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى 5960 ****139». ئىكەن.

يەنە بىر ئادۋوكات تەمىنلىگەن «شياۋشۇ شىدەي» دىكى قەرز ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، قەرز بىجىرگۈچى «زۇ ۋېنجىڭ»، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى ئوخشاشلا «5960**** 139»، قەرز سوممىسى 3000 يۈەن ئىكەن. بۇندىن باشقا، قەرز ئېلىش ئۇچۇرىدا يەنە ئائىلە ئەزالىرى، مەكتەپ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىسمى، تېلېفون نومۇرى قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا «دادىسى زۇ كې 9671 ****130»، ئاپىسى جوۋ چۈنپىڭ 4674 ****151»، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى چې چىن 0671 ****185»..... بىراق، زۇ ۋېنجىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارىشى تەرەپ قالدۇرغان بارلىق ئۇچۇر خاتا ئىكەن.

مۇخبىر زۇ ۋېنجىڭ تەمىنلىگەن ئائىلە نوپۇسىدىكى كىشىلەرنى دەلىللىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمى راستتىنلا يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئەمەس ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى «چې چىن «ئەمەس، بەلكى فامىلىسى شيې دېيىلىدىغان بىر مۇئەللىم ئىكەن. بۇ شيې مۇئەللىمنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۇ تۇرۇشلۇق پۈتكۈل مەكتەپ رايونىدا «چې چېن» دەيدىغان ئادەم يوق بولۇپ، سىنىپتىكى قىزلار ئىچىدە «3-بىنا 402-ياتاق» تا ياتىدىغانلارمۇ يوقكەن.

تۈنۈگۈن، مۇخبىر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ باققان بولۇپ، لېكىن بارلىق نومۇر ئېتىۋېتىلگەن ياكى بوش نومۇر بولۇپ چىققان.

سۇپىنىڭ ئىنكاسى

چۈفېنچى: ئىش بېجىرگۈچى ۋە كىملىكتە ھەقىقەتەن پەرق بار

مۇخبىر تۈنۈگۈن «چۈفېنچى» نىڭ چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋاكالەتچىسى ۋاڭ خانىم بىلەن ئالاقىلەشكەن. ۋاڭ خانىم ئەسلەپ،-ئەينى ۋاقىتتا بېجىرگەن چاغدا، ئۇ كىملىك ۋە ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىنى تەمىنلەپ بەردى، شۇ كىشى بىلەن كىملىكتە پەرق بولسىمۇ، قارىماققا ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مەن شۇ دېدى، ئۇنىڭ ساۋاقدىشىمۇ شۇ دېدى-،دېگەن. ۋاڭ خانىمنىڭ دېيىشىچە، گەرچە گۇمانلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قارىشى تەرەپكە بېجىرىپ بەرگەن، «چۈنكى ھەقىقەتەن بەزى كىشىلەر كىملىكتىكى سۈرىتى بىلەن ئوخشىمايدۇ.» ۋاڭ خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئاللىبۇرۇن زۇ ۋېنجىڭ بىلەن ئالاقىلەشكەن، «ھازىرقى ئىشقا نىسبەتەن، كونكرېت ئىش بېجىرىش جەريانىدا بىزدە خاتالىق يوق.»

شياۋشۇ شىدەي: سىن كۆرۈنۈش دەلىللەش نەزەرىيەسى بويىچە خاتا بولمايدۇ

زۇ ۋېنجىڭ يولۇققان «قەرز» گە مۇناسىۋەتلىك بەختسىزلىكىكە نىسبەتەن، «شياۋشۇ شىدەي» مۇلازىمەتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كونكرېت قەرز ئېلىش ئىلتىماسى سونغاندا، شىركەت ئىلتىماس قىلغۇچىنى سىن كۆرۈنۈش بىلەن دەلىللەيدۇ، «ئەڭ ئاخىردا چۈشكەن پۇلمۇ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ، ھېساب ئاچقۇچىنىڭ ئىسمى ۋە كىملىك ئوخشاش بولىدۇ، نەزەرىيە جەھەتتە قالايمىقان ئىشلىتىپ بېجىرىدىغان ئەھۋال بولمايدۇ.» «زۇ ۋېنجىڭ» نىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىنىڭ ھەممىسى خاتا ئەھۋالدە ئىلتىماسنىڭ ماقۇللانغانلىقى توغرىسىدا مۇلازىمەتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قەرز ئېلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتتى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللار ئانچە ئېنىق ئەمەس.

ئادۋوكاتنىڭ قارىشى

سوتقا ئەرز سۇنسا بولىدۇ

قەرز پۇل توختىمى ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىش

ئۆزى بىلمەي قەرز بولۇپ قېلىپ يەنە قەرز بېجىرگەن ئالاقىدار كىشى بىلەن ئالاقىلىشالماي شەخس ئىناۋىتى تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇ ئىش زۇ ۋېنجىڭنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. «قەرز» گە نىسبەتەن ئۇ قانداق قىلىشى كېرەك؟

چېڭدۇ تەيخېتەي ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى ئادۋوكات لو كېنىڭ قارىشىچە، زۇ ۋېنجىڭ قەرز ئېلىش سۇپىسى تۇرۇشلۇق سوتقا ئەرز سۇنۇپ، قەرز پۇل توختىمىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتسا بولىدىكەن.

لو كې «ئەرز سۇنغاندىن كېيىن سۇپا تەرەپ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئىسپات قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئىشنى ھەل قىلغانغا نىسبەتەن ئاسانراق بولىدۇ. ئەگەر سوت ئاخىرىدا ھەقىقەتەن كىملىك قالايمىقان ئىشلىتىلىپ قەرز بېجىرىلگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلسا، توختامنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئىناۋەت سىستېمىسىدىكى خاتىرىنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ.» دېدى.

چېڭدۇ خۇاچۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى ئادۋوكات چيۇ لوڭفېنمۇ مۇنداق قارايدىكەن: ئەرز سۇنغاندىن باشقا يەنە مۇشۇ سۇپىنىڭ پۇل مۇئامىلە قەرز بېجىرىش سالاھىيىتىنىڭ بار يوقلىقىغا قاراپ بېقىش كېرەك، بۇ جەرياندا قانۇنسىز ئەھۋاللار بارمۇ-يوق، بۇ ھازىرقى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، بىراق ۋاقىت بىر ئاز جىقراق كېتىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号