باش بەت

mahliya

1397يوللانما
1مەستانە

دۆلىتىمىزنىڭ 1- دەرىجىلىك شياڭگاڭلىق ئارتىسلىرى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-09 08:00 0 ئىنكاس چۈشتى

چېڭ لۇڭ:-خەلقئارالىق گۇمپا فىلىم شاھى، بۇرۇن ئىككى قېتىم تەيۋەن «ئالتۇن ئات» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھوللىۋود كىنو ساھەسىدە نەچچە يىل تىرىشىپ، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ئاز بولمىغان شەرەپلەرنى قۇچقان، كورىيە خەلقى ئۇ «جۇڭگونىڭ چوڭ ئەربابلىرى» ۋەكىللىك قاتارىغا تاللىغان، بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە نۇرغۇن ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلغان، ئىلگىرى «فۇبىس» ژۇرنىلى ئۇنى «ئون چوڭ ساخاۋەت يۇلتۇزى» دەپ باھالىغان.

جوۋ رۇنفا- خەلقئارالىق تەسىرى بار جۇڭگولۇق فىلىم چولپىنى. ئىلگىرى ئۈچ قېتىم شياڭگاڭ جىنشياڭ مۇكاپاتى، ئىككى قېتىم ئالتۇن ئات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلى ئۇنى «يەرشارىدىكى يەتتە ئەزىمەت» نىڭ بىرى دەپ باھالىغان، شياڭگاڭ تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ «شياڭگاڭنىڭ ئوغلى» دەپ ئاتىشىدۇ، ئۇنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخى شياڭگاڭنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

لياڭ چاۋۋېي- بەش قېتىم شياڭگاڭ جىنشياڭ مۇكاپاتىنىڭ ئەر مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى تۈرىگە ئېرىشكەن، ئۈچ قېتىم تەيۋەن «ئالتۇن ئات» مۇكاپاتىنىڭ ئەر مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى تۈرىگە ئېرىشكەن، بۇ ئىككى مۇكاپاتقا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن ئەر چولپان ھېسابلىنىدۇ.

جاڭ مەنيۈ- ئۇ ھازىرغىچە جۇڭگو تىلىدىكى فىلىم ساھەسىدە ئەڭ كۆپ مۇكاپات ئالغان كىنو ئارتىسى ھېساب؛ىنىدۇ، بۇرۇن بەش قېتىم شياڭگاڭ جىنشياڭ مۇكاپاتىنىڭ ئەر مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى تۈرىگە ئېرىشكەن، تۆت قېتىم تەيۋەن «ئالتۇن ئات» مۇكاپاتىنىڭ ئەر مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى تۈرىگە ئېرىشكەن.

ۋاڭ فېي- ئۇ جۇڭگو تىلى ناخشا ساھەسىدە نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، جۇڭگو زامانىۋى مۇزىكا ساھەسىدە مۇھىم رول ئۆتەيدۇ.

دۆلىتىمىزدىكى 1- دەرىجىلىك ئارتىسلاردىن شياڭگاڭدا پەقەت بەشى بار، ئەمەلىيەتتە ۋاڭ فېيمۇ شياڭگاڭلىققا تەۋە ئەمەس. سىزچە بۇ بەش چولپان 1- دەرىجىلىك ئارتىس دەپ ئاتىلىشقا ئەرزىمدۇ؟بۇنىڭدىن باشقا كىمنى دۆلىتىمىزدىكى 1- دەرىجىلىك ئارتىس دەپ قارايسىز؟


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号