باش بەت

RuHsar

636يوللانما
0مەستانە

90 ياشلىق موماينى تۆت ئوغلى كوچىغا تاشلاپ قويدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-09 13:32 0 ئىنكاس چۈشتى

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرى، تۆت ئوغۇل ئانىسىنى نۆۋەتلىشىپ بېقىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم چوڭ ئوغلىغا نۆۋەت كەلگەنىدى. لېكىن چوڭ ئوغلى ئاپىسىنى كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىشنى رەت قىلغان ۋە ئانىسىنى ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى ئەخلەت ساندۇقىنىڭ يېنىغا تاشلاپ قويغان. 

كېيىن مۇخبىر بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەندە چوڭ ئوغلى چېن xxكە ئۇچراپ قالغان. ئانىسى بولسا ئىشىك ئالدىدىكى يەرگە سېلىنغا بورىنىڭ ئۈسىتدە ياتقانىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن، ئانىسى بۇ يىل 91 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئەسلىدە تۆت ئوغۇل  بىر ئايدىن نۆۋەتلىشىپ بېقىۋاتقانىكەن. تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن كىچىك ئۇكىسى ئانىسىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ بەرگەن بولۇپ، ئانىسى يىقىلىپ كېتىپ يارىلانغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئۇكىسىنى ئانىسىنى دوختۇرغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈشنى دېگەن. لېكىن كىچىك ئۇكىسى ئۇنىمىغان. ئامال يوق، چوڭ ئوغلى ئاپىسىنى ئەخلەت ساندۇقىنىڭ يېنىغا تاشلاپ قويغان. ئۇ يەنە مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئائىلىسىدە بەش جان بارلىقىنى، ئۆزى يالغۇز ئاپىسىغا قاراپ بولالمايدىغانلىقىنى دېگەن.

 

بۇ موماينىڭ يېشى 90 دىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن روھىي-ھالىتى ناھايىتى جايىدىكەن.  موماينىڭ ئەسلىدە 4 ئوغۇل 2 قىزى بار بولۇپ، ئوغۇللىرى ئارىسىدا جېدەل بولۇپ قېلىپ ئۇنى مۇشۇ يەرگە تاشلاپ قويغان. بۇنى كۆرگەن قوشنىلار ساقچىغا مەلۇم قىلغان.  ساقچى تەرەپ، ئاھالىلەر كومېتىتى بۇنىڭغا ئارلىشىپ 4 ئوغۇلنىڭ نۆۋەتلىشىپ قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号