باش بەت

RuHsar

634يوللانما
0مەستانە

شەندۇڭدا بىر ئەر بۇرۇنقى ئايالىنىڭ لايىقىغا پىچاق تىقىۋەتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-11 12:37 0 ئىنكاس چۈشتى

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، 8-چىسلا، شەندۇڭ جىنەن. ئاسما كۆۋرۈك رايونى جىچى يولىدىكى دوختۇرخانا ئىشىكى ئالدىدا ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بىر ياش ئەر ئالدىنقى ئايالى ۋە قىزىنىڭ ئالدىدا يەنە بىر ئەرگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋەتكەن. ۋەقە دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن بولغاچقا، دوختۇر يارىلانغان ئەرنى قۇتقۇزماقچى بولغاندا، قاتىللىق قىلغۇچى بۇ ياش ئەر دوختۇرنى تۇتۇۋېلىپ«مەن ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى» دېگەن. ھازىر بۇ ئەر ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن.

كۆرگۈچىنىڭ دېيىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىككى ئەر دوختۇرخانىنىڭ جەنۇبى تەرىپىگە كەلگەن، كېيىن نېمە سەۋەبتىندۇر بىر ئەر يەنە بىر ئەرگە پىچاق تىققان، كېيىن يارىلانغان ئەر شىمال تەرەپكە قاراپ 30 مېتىرچە قاچقاندىن كېيىن ھالسىزلىنىپ يەرگە يىقىلغان. يەنە بىر ئەر قوغلاپ كېلىپ يەنە بىر قانچە پىچاق تىققان.  ۋەقە يۈز بەرگەن جاي دوختۇرخانىنىڭ ئالدى بولغاچقا، بىر دوختۇر نەق مەيداندا يارىلانغۇچىنى قۇتقۇزماقچى بولغان. ھېلىقى ئەر بولسا قولىغا پىچاقنى تۇتقۇنىچە ئەتراپقا قالايمىقان شىلتىپ ھېچكىمنى يېقىن كەلگىلى قويمىغان.  بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن، ساقچىلار يېتىپ كەلگەن. قاتىل ساقچىلارنى كۆرۈپلا قولى بىلەن بېشىنى تۇتقۇنىچە يەردە تىزلىنىپ ئولتۇرغان. يارىلانغۇچىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىپ قۇتقۇزغان بولىسمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. 

دوختۇرخانىنىڭ قاراۋۇلى دۇ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىككى ئەر 30 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، بەلكىم ھېسيات مەسلىسى يۈز بېرىپ بۇ ۋەقە چىققان بولۇشى مۇمكىنكەن، ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:« ھېلىقى ئايال بەلكىم قاتىلنىڭ بۇرۇنقى ئايالى بولۇپ، ئاللىبۇرۇن ئاجرىشىپ كەتكەن. ئۆلگۈچى بولسا ھازىرقى لايىقى بولۇپ، بەلكىم ئارىدا زىددىيەت يۈز بەرگەن بولىشى مۇمكىن. نەق مەيداندا بەش ياشلاردىكى بىر قىز بالىمۇ بار ئىدى، بەلكىم ئۇلارنىڭ بالىسى بولسا كېرەك.»


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号