باش بەت

سۈبھى

22يوللانما
0مەستانە

ۋۇخەندە ئوتتۇرا ياشلىقلار تېلېگراف ئالدامچىلىقىنىڭ ئاساسلىق زىيانلانغۇچىلىرى بولۇپ قالدى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-11 21:52 0 ئىنكاس چۈشتى

 

جۇڭگو ئاخبارات تورى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

ۋۇخەن ساقچى تەرەپ 11-ئاۋغۇست ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇيىل كىرگەندىن بۇيان ساقچى ۋە بانكا تەرەپ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا 300 دىن ئارتۇق تېلېگراف تور ئالدامچىلىق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلپ، 55 مىليوندىن كۆپرەك ئىقتىسادىي زىيان ئازايتىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭ ئىچىدە 40 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ياشلىقلار ئاساسلىق زىيانلانغۇچىلار بولۇپ، تەخمىنەن %60 نى ئىگىلەيدۇ.

ۋۇخەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تېلېگراف تور ئالدامچىلىق جىنايىتىگە زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل خىزمەتچى خادىملارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ۋۇخەندە يۈز بەرگەن تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئاساسلىق دېلو سادىر قىلىش ئۇسۇلى ھەر خىل بولۇپ، توردا مال سېتىۋېلىش ئالدامچىلىقى، توردا قوشۇمچە خىزمەت قىلىش ئالدامچىلىقى، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش، رەھبەر، تونۇش ۋە ھەر خىل خېرىدارلار مۇلازىمەت خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش، QQ ، ئۈندىدار قاتارلىقلارنى ئوغرىلاپ ئىشلىتىپ، خوجايىن قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىقلار.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 40 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر زىيانغا ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تەخمىنەن %60 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %35. بۇنىڭ ئىچىدە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مالىيە خادىملىرى بولسا QQ، ئۈندىدارنى ئوغىرلاپ ئىشلىتىپ، خوجايىن قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق زىيانكەشلىك قىلىش ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ .

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋۇخەن ساقچىلىرى مەلۇم شىركەتنىڭ بانكا ھېساباتى ئۇدا كۆپ قېتىم ئاز سوممىلىق پۇل ئەۋەتىش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان، بۇ شىركەت ھېساباتىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق توغرىسىدا دېلو تاپشۇرۇۋالغان. خەلق ساقچىلىرى دەرھال بۇ شىركەتنىڭ مالىيە بۆلۈمىگە بېرىپ، بۇ شىركەتنىڭ 5-ئاينىڭ 9-، 10-كۈنى بانكا ھېساباتىدا  ئۇدا كۆپ قېتىم  سوممىسى 0.13 يۈەندىن 0.43 يۈەنگىچە بولغان پۇل ئەۋەتىش تەلەپنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىدىن ئىنتايىن گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئارقىدىنلا كەلگەن بانكا  مۇئامىلىدارلار دېرىكتورى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەزىلەر بۇ شىركەتنىڭ ئۇچۇرىنى سۈيئىستىمال قىلىپ پۇل تۆلەش گۆھىرى ھىسابات نومۇرى ئىلتىماس قىلغان، ئەگەر دەلىللەشتىن ئۆتسە، بۇ شىركەتنىڭ بانكاھېساباتىدىكى 32 مىليون يۈەندىن كۆپرەك پۇل  يۆتكەپ كېتىلىشى مۇمكىن.

ۋۇخەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىچكى قوغداش تارماق ئەترىتى دەرھال شىركەت ھېساباتى تۇرۇشلۇق ۋۇخەن شۆبە بانكىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تېز سۈرئەتتە توڭلىتىش مېخانىزمى يولغا قويۇپ، دەرھال بۇ شىركەتنىڭ بانكا ھېسابىدىكى 32 مىليون يۈەن مەبلەغنى توڭلاتتى. شۇ كۈنى كەچ سائەت 11 دە بانكا كەسپىي خادىملار جىددىي خىزمەت قىلىش ئارقىلىق بۇ شىركەت بانكا ھېسابات نومۇرى بىلەن سۈيئستىمال قىلىنغان ھەق تۆلەش گۆھىرى ھېسابات نومۇرى ئارىسىدىكى تور بانكىسى ئالاقىسىنى ئۈزدى. 5-ئاينىڭ 12-كۈنى دېلو بېجىرگۈچى ساقچى بىلەن شىركەت خادىملىرى بىرلىكتە  خاڭجۇغا بېرىپ ، رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىردى. بىكار قىلىش رەسمىيىتى تاماملانغاندىن كېيىن بۇ شىركەتنىڭ بانكا ھېساباتىنىڭ توڭلىتىلىشى دەرھال بىكار قىلىندى.

ۋۇخەن ساقچى تەرەپ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى شەكىلسىز ئالدامچىلىققا  كىرىدۇ. مەيلى تېلىفون، ئۇچۇر ياكى ئۈندىدار، QQ بولسۇن ئومۇمەن يۈز تۇرانە بولمىغان سۆزلىشش جەريانىدا پۇل تىلغا ئېلىنسا ئېھتىيات قىلىش، پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاقىدار ئورۇنلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلىفۇن قىلىش، خادىملار تېلېفون ئارقىلىق ئېنىقلىشى كېرەك. توردىن مال سېتىۋالغاندا مۇنتىزىم مال سېتىۋېلىش تورىنى تاللاش كېرەك، ئۈچىنچى تەرەپ پۇل تۆلەش سۇپىسى ئارقىلىق پۇل تۆلىگەندە مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپكە پۇلنى ئۇرۇپ بەرمەسلىك كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号