باش بەت

ئىدىقۇت887

6487يوللانما
8مەستانە

ئوغلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئىسسىقتا ئاپتاپپەرەستەك ياسىنىپ ئويۇن كۆرسەتكەن دادا

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-14 17:30 0 ئىنكاس چۈشتى


  8-ئاينىڭ 13-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى يۇەنخېدىكى زوۋ ئەپەندى قان ھۈجەيرىسىنى يۇتقۇچى ھۈجەيرە سىندورومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان تۆت ياشلىق ئوغلى يىفەننى داۋالىتىشقا پۇل توپلاش ئۈچۈن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا ئۈستىگە «ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇشى مۇردىسى» فىلىمىدىكى ئاپتاپپەرەسنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، ھەر بىر پارچىسى بەش يۈەندىن باشقىلار بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشۈپ پۇل توپلاۋاتقانىدى.



 زوۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئوغلى بېيجىڭ شەھىرى جىڭدۇ بالىلار دوختۇرخانىسىدا قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن كېيىن ئۆپكە قىسمىدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئوغلىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچتىكى داۋالىنىشى ئۈچۈن 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كەتكەن، ئۇنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق داۋالىنىشى ئۈچۈن يەنە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 200 مىڭ يۈەن پۇل كېتىدىكەن.



   بالىنىڭ دادىسى ئاپتاپپەرەستەك ياسىنىپ بېيجىڭدىكى مىترو بېكىتىدە باشقىلار بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشۈپ ئوغلى ئۈچۈن داۋالىنىش پۇلى توپلىماقتا.



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号