باش بەت

رازى

1583يوللانما
37مەستانە

دادا خەت يېزىپ بىر ياشلىق قىزىنى تاشلاپ قويۇپ، بالىنىڭ ئاپىسىنى ئىزدەشكە كەتتى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-14 19:25 0 ئىنكاس چۈشتى

11- چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00ئەتراپىدا، يىپىڭ شەھىرى گاۋشيەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى داۋو بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ قورۇسى ئىچىدە، بىر ئەر بىر ياشلىق قىزىنى بوۋاقلار ھارۋىسىغا سېلىپ قورۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويغاندىن كېيىن ئالدىراش چىقىپ كەتكەن. ساقچى بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال چىقىپ بالىنى ئىزدەپ تاپقان ھەمدە ھارۋا ئىچىدىن بوۋاقنىڭ دادىسى قالدۇرۇپ قويغان خەتنى بايقىغان، خەتكە «كەچۈرۈڭلار، مېنى ئەپۇ قىلىڭلار، سىلەر ماڭا ياردەم قىلىڭلار، مەن بالامنىڭ ئاپىسىنى تاپمىسام بولمايدۇ، ئاپىسىنى تاپقاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ بالىنى ئېلىپ كېتىمەن، شۇ چاغدا سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىكەن. خەتنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىگە يەنە ئۇ ئەرنىڭ ئىسمى ۋە بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئىكەن. ئارقىدىن، ساقچى بالىنىڭ بوۋىسىنى ئىزدەپ تاپقان، ئويلىمىغان يەردىن بوۋىسى بالىنى بېقىشنى رەت قىلغان. ئاخىرىدا، ساقچىلار ۋە خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن، بوۋاي بالىغا 15 كۈن قاراپ بېرىشكە ماقۇل بولغان، 15 كۈندىن كېيىن ئەگەر بالىنىڭ دادىسىنى تاپالمىسا، بالىنى ساقچىخانىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغان.

داۋو بازارلىق ساقچىخانىدىكى ساقچىلارنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشىچە، بۇ قىز بوۋاق بۇلتۇر 8-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، يېشىغا توشاي دەپ قالغان ئىكەن. قىزچاقنىڭ دادىسى لى فامىلىلىك داۋو بازىرى شىننەن كەنتىدە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى تۈرمىدە ياتقانىكەن، ئۇ بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن، قىزچاقنىڭ ئانىسى باشقا يۇرتلۇق بولۇپ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ئىز دېرىكى بولمىغان ئىكەن. نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، لى فامىلىلىك بۇ قېتىم بالىنىڭ ئاپىسىنى ئىزدەش باھانىسى بىلەن بالىنى ساقچىخانىغا قويۇپ قويغان ئىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号