باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

خېنەندە سۇ ئۈزۈش سارىيىدا 20 نەچچە ئادەم گازدىن زەھەرلەندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-15 22:54 0 ئىنكاس چۈشتى


2016-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋىرى: خېنەن جۇمادىيەن شەھىرىدىكى چىيەنخۇ سۇ ئۈزۈش سارىيىدا 20 دىن ئارتۇق سۇ ئۈزگۈچى قويۇق دېزىنفىكسىيە سۇ گازى سۈمۈرۈۋالغاندىن كېيىن زەھەرلىنىپ قېلىش ئالامىتى كۆرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە زەھەرلەنگۈچىلەر مەركىزىي دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلماقتا.

14-چېسلا كۈنى كەچ سائەت سەككىزدىن ئالتە مىنۇت ئۆتكەندە، كىشىلەر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. مۇخبىر نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە بىرمۇ ئادەم يوق بولۇپ، نەق مەيداننى تاماشا كۆرگىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرى بايا يۈز بەرگەن ۋەقەنى بەس-بەستە مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانىدى.



پۈتكۈل جەرياننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شيا فامىلىلىك ئايالنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئۇ كەچ سائەت يەتتە يېرىملار ئەتراپىدا سۇ ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن چايقىنىۋېلىش ئۆيىگە كىرىپ چايقىنىپ چىقىقاندا، سۇ چايقىنىش ئۆيىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان بىر نەچچە نەپەر كىچىك بالىدا قاتتىق يۆتىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. «مەن كېيىن بۇ نەچچە كىچىك بالىنىڭ ئەھۋالىنىڭ چاتاق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، بۇ بالىلار قارىغاندا زەھەرلىك گاز سۈمۈرۈۋالغاندەك قىلاتتى. بۇ بالىلارنىڭ يۈزى قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، كەينىدىن بەزى ئادەملەر 120 ۋە 110 غا تېلىفون قىلدى» شيا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ بىر نەچچە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ زەھەرلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەن.



مەزكۇر سۇ ئۈزۈش سارىيىدىكى بىر خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەينى چاغدا سۇ ئۈزۈش سارىيىنىڭ بىر خىزمەتچىسى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇنى دېزىنفېكسىيە قىلماقچى بولغان ھەم ئالدىن دېزىنفېكسىيە تابلېتىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ قويۇپ، سۇ ئۈزۈش سارىيى تاقالغاندىن كېيىن ئاندىن سۇنى دېزىنفىكسىيىلىمەكچى بولغان. «ئەينى چاغدا بۇ خىزمەتچى خادىم سۇ ئۈزۈش سارىيىدىكى ئاياللار كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ يېنىدىكى بىر ئۆيدە دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاشقا باشلىغان. دورىنى تەڭشەش جەريانىدا دورا تابلىتكىسى سۇ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن دەرھال دىماغنى ئېچىشتۇرىدىغان قويۇق گاز قويۇپ بەرگەن. بۇ خىزمەتچى خادىم ئىشىكنى يېپىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالغاچقا قويۇق گاز پۇرىقى ئاياللار كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە تارقىلىپ كىرىپ، ئەينى چاغدا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە سۇدا چايقىنىپ كىيىم ئالماشتۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىدە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.» مۇخبىر سۇ ئۈزۈش سارىيىدىكى ئەرلەر كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى ئالدىدا بىر دانە سۇلياۋ چېلەكنى كۆرگەن بولۇپ، بۇ چېلەك دەل 20 نەچچە ئادەمنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېزىنفىكسىيە سۇ گازىنىڭ چېلىكى ئىدى.



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号